ئاپتورى: چۆ.خۇرە
شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرىنىڭ قىشلىق مەنزىرىسى ئۆزگىچە بولۇپ، قىش كۈنلىرىدىكى قۇياش نۇرىدا، دەريا بويىدىكى تېرەك، قارىياغاچ قاتارلىق دەل-دەرەخلەر ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، يېرىم سۇلۇق، يېرىم مۇزلۇق كۆنچى دەرياسى شەھەرنى كېسىپ ئۆتەتتى. بۇ يەردە ھەر قەدەمدە بىر مەنزىرە، ھەر جايدا ھەر سۈرەت بار بولۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرۇپ، مېھرىنى ئۈزەلدۈرمەيدۇ.