تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

مۇلازىمەتچىسىز مېۋە-كۆكتات سېتىش ماشىنىسى شىخودا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ دېگاڭ، ليۇ جيەنپىڭ خەۋىرى): يېقىندا، شىخو شەھىرى خۇيمىڭ گۈللۈكى، خۇيجىڭ گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىدىكى مۇلازىمەتچىسىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق مېۋە-كۆكتات ئاپتوماتىك سېتىش ماشىنىسى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى، ئاھالىلەر تاللا بازىرى، بازارغا قاترىماي، 24 سائەت ئىشىكى ئالدىدىلا يېڭى كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتەلەيدىغان بولدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئاھالىلەر ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.

12-ئاينىڭ 4-كۈنى، مۇخبىر شىخو شەھىرى خۇيمىڭ گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىدا، مۇلازىمەتچىسىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق مېۋە-كۆكتات ئاپتوماتىك سېتىش ماشىنىسىدا شاڭجو، ئۈزۈم، ئالما، جىنجۈ، شىرنىلىك شاپتۇل، چەيزە، لازا، پالەك قاتارلىق 20 نەچچە خىل مېۋە-كۆكتاتنىڭ بارلىقىنى كۆردى. ئاھالىلەر پەقەت مۇلازىمەتچىسىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق مېۋە-كۆكتات سېتىش ماشىنىسىدا يان تېلېفوندا كودنى سىكاننېرلاش مەشغۇلاتى قىلسىلا، بىر مىنۇتقا بارمايلا ئۆزى ئالماقچى بولغان كۆكتاتنى سېتىۋالالايتتى.

يان تېلېفون ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىشنى بىلمەيدىغان ئاھالىلەرگە قارىتا، سىناپ ئىشلىتىش مەزگىلىدە، خىزمەتچىلەر ھەر كۈنى نەق مەيداندا ئاھالىلەرگە مەشغۇلات تەرتىپى ۋە ئۇسۇلىنى چۈشەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياشانغانلارنىڭ مۇلازىمەتچىسىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق مېۋە-كۆكتات سېتىش ماشىنىسىدىن مال سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى، كارخانا يەنە كارتا سۈرۈش كەسپىنى يولغا قويدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق مېۋە-كۆكتات سېتىش ماشىنىسىغا ئېغىرلىق كۈچى ئىندۇكسىيەسى سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى ئاپتوماتىك خاتىرىلىنىدىكەن، ئەگەر خېرىدارلار ئېلىپ كەتسە، مەھسۇلاتنىڭ كېمىيىپ كەتكەن ئېغىرلىقى مەھسۇلاتنىڭ ئېغىرلىقى بولۇپ، يەككە باھاسىنى ھېسابلاش سىستېمىسى ئارقىلىق، خېرىدار بېرىشكە تېگىشلىك سوممىنى ئاپتوماتىك ھېسابلاپ چىققىلى بولىدىكەن. مۇلازىمەتچىسىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق مېۋە-كۆكتات ئاپتوماتىك سېتىش ماشىنىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 0 سېلسىيە گىرادۇستىن 13 سېلسىيە گىرادۇسقىچە كونتىرول قىلىپ، مېۋە-كۆكتاتنىڭ يېڭىلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، كارخانا ھەر كۈنى ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن مال تولۇقلايدىكەن.

شىخۇ شەھىرى كۆكتات بازىرى مېۋە-كۆكتات ئاپتوماتىك سېتىش ماشىنىسىنىڭ ئارقا سۇپا باشقۇرغۇچىسى مەرزىيە جۈمە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ شۇجىلې تاللا دۇكىنىمىز خۇيمىڭ، خۇيجىڭ ئولتۇراق رايونىغا سەككىز ئاپتوماتىك سېتىش ماشىنىسى سالدى، سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئىككى خىل، بىر خىلى ئۈندىدار، جىفۇباۋنى سىكاننېرلاش، يەنە بىر خىلى كارتا سۈركەش، خېرىدارلار شۇجىلې تاللا بازىرىغا بېرىپ قىممەت تولۇقلاش كارتىسى بېجىرسە بولىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ