راخمانجان مەمەت (ئوڭدا) سېختا ئىشلىمەكتە.
راخمانجان مەمەت (سولدا) ۋاڭ جىجۈندىن تېخنىكا ئۆگەنمەكتە.
تىيانشان تورى خەۋىرى: بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن راخمانجان مەمەت قەشقەر شەھىرى شامالباغ بازىرى سۈزۈكبۇلاق كەنتىدىكى دېھقان. 2014 ـ يىلى، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە دەپ بېكىتىلدى.
2019- يىلى 1- ئايدا، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرى ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە، راخمانجاننىڭ تەربىيەلەشكە قاتنىشىش ئارقىلىق ماھارەت ئىگىلەپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. شۇنىڭ بىلەن، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى راخمانجاننى كەنتتىكى «دېھقانلارنىڭ قىشلىق ھۇجۇم ماھارىتى» بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردى ھەم ئۇنى كەنتتىكى نامراتلارنى يۆلەش سېخىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.
نامراتلارنى يۆلەش سېخىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جىجۈننىڭ ياردىمىدە، راخمانجان توكلۇق كەپشەرلەش تېخنىكىسىنى ئىگىلىدى. ھازىر، ئۇ ھەر ئايدا 4500 يۈەن مائاش ئالالايدۇ. راخمانجان مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن، ماڭا ياردەم قىلىپ مۇقىم خىزمەت تېپىپ بەردى، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدۇم».
بۇ يىل، راخمانجان ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش مەشقىگە قاتنىشىپ، ھەيدەش كېنىشكىسىنى ئوڭۇشلۇق ئالدى، ئۇ كېلەر يىلى بىر پىكاپ سېتىۋالماقچى. (قەمەردىللا دولقۇن، گۈزەلنۇر يۈسۈپ خەۋىرى، فوتوسى)