تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

【مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش】 بىز بىرلىكتە ئامال تاپايلى

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار لى لىڭۋېي، جاڭ چىڭبو خەۋىرى): ھەر كۈنى چۈشتە، 12-شى 104-تۇەننىڭ «ناڭ دودو» ناۋايخانىسىدىن چىققان نانلارنىڭ مەززىلىك پۇرىقى كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى.

«ئابدۇسالام، يېقىندىن بۇيان تىجارىتىڭىز قانداقراق؟» 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، تونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن نان يېقىۋاتقان ئابدۇسالام خۇش بولۇپ كەتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ ياخشى قېرىندىشى لى خەيتاۋنىڭ يەنە ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەنلىكىنى بىلگەنىدى.

«لى شۇجى، كەلدىڭىزمۇ؟ بايىلا ياققان نان، بەك مەززىلىك! تېز، تېز تېتىپ بېقىڭ». ئابدۇسالام ھورى چىقىپ تۇرغان ناننى ئېلىپ، لى خەيتاۋنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

«پۇرىقى مەززىلىك، يېسە تېخىمۇ مەززىلىك ئىكەن!» لى خەيتاۋ تەكەللۇپ قىلىپ تۇرماي، بىر تەرەپتىن يېگەچ بىر تەرەپتىن ماختىدى.

«ھازىر <لى شۇجى> يوق، پەقەت سىزنىڭ بۇ ناۋايخانىڭىزنىڭ سادىق خېرىدارىلا بار». لى خەيتاۋ بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ، بىر تەرەپتىن پۇلنى پۇل ساندۇقىغا سالدى، «قانداق قىيىنچىلىق بولسا، چوقۇم ماڭا ئېيتىڭ».

بۇ يىل 6-ئايدا، بىڭتۇەن ئۈرۈمچى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى خەيتاۋ 104-تۇەننىڭ شىچېڭ جەنۇبىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، مەھەللىنىڭ 1-شۇجىسىلىق ۋەزىپە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلدى. لېكىن ھەر قېتىم «ناڭ دودو» ناۋايخانىسىدىن ئۆتسە، لى خەيتاۋ دۇكانغا كىرىپ، قەدىناس دوستىنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باقاتتى.

دۇكان گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لى خەيتاۋ ۋە ئابدۇسالام ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.

2019-يىلى قىشتا، يېڭىدىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىگە كەلگەن لى خەيتاۋ ئائىلىلەرگە كىرىپ، تەۋەلىكىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. زىيارەت جەريانىدا، لى خەيتاۋ ئابدۇسالام بىلەن تونۇشتى. تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە، ئابدۇسالامنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىملەرنىڭ يۇيۇلۇپ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىنتايىن پاكىز ئىكەنلىكىنى، ئۆيىنى ناھايىتى ئاددىي بېزىگەن بولسىمۇ، رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرگەن لى خەيتاۋ، ئابدۇسالامنى تىرىشچان ئادەم، دەپ ھۆكۈم قىلدى.

«بىر ئىشچان ئادەمنىڭ تۇرمۇشى نېمىشقا غورىگىل؟»

لى خەيتاۋ شۇلارنى ئويلاپ، ئابدۇسالام بىلەن پاراڭلاشتى. ئابدۇسالام 20 يىللىق تەجرىبىگە ئىگە پېشقەدەم ناۋاي، ئىلگىرى تۇرمۇشى خېلى ياخشى ئىدى، لېكىن دۇكان كونىراپ كەتكەچكە، داۋاملىق تىجارەت قىلىشقا ئامالسىز قالغان، يەنە كېلىپ ئۇزاققىچە مۇۋاپىق تىجارەت ئورنى تاپالمىغاچقا، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا كىرىم چىقىمىغا يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەنىدى.

ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، لى خەيتاۋ بىر تەرەپتىن ئابدۇسالامغا تەسەللى بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ، كۆپ تەرەپتىن سۈرۈشتۈرۈپ، ئاخىر مۇۋاپىق دۇكان تاپتى. ئابدۇسالامنىڭ تۈزۈك پۇلى بولمىغاچقا، دۇكاننىڭ ئىجارە ھەققى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىدى، لى خەيتاۋ نەچچە قېتىم ئۆي ئىگىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ رازى بولغۇدەك ئىجارە ھەققىنى مەسلىھەتلەشتى.

«دۇكان تاپتىم!» ئابدۇسالام لى خەيتاۋدىن كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇۋېلىپ، خۇشاللىقىدا بىر كېچە ئۇخلىيالمىدى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇنىڭغا تەۋە ناۋايخانا يەنە بىر قېتىم ئىشىكىنى ئېچىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.

«ھازىر كۈندە ئىككى-ئۈچ يۈز نان سېتىشىمىزدا گەپ يوق!» ئابدۇسالام مۇنداق دېدى: «بۇ ناۋايخانا ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ئۈمىدى، شۇنداقلا بىزنىڭ < لى شۇجى> بىلەن بولغان دوستلۇقىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى».

بۇ ئىككى يىلدا، لى خەيتاۋ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى 1-مەھەللىسىدە، 12-شىنىڭ 104-تۇەن شىچېڭ جەنۇبىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدە ئىشلىدى، ئۇ تۇەن-چاڭدىكى ئاممىغا قىزغىن ياردەم بېرىپ، ئۇلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. قىش پەسلىدىكى سوغۇق شامالدا سەھەر تۇرۇپ قار تازىلىدى، يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرى خىزمەت ئەترىتىنى باشلاپ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ئۈزۈم يىغىپ بېرىپ، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئاھالىلەر رايونىنىڭ كارىدورلىرىغا چىراغ ئالماشتۇرۇپ بەردى... قارىماققا كىچىك كۆرىنىدىغان بۇ ئىشلار ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى 1-ليەنىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى ئىمىنجان مەڭلىك ئادەتتە ئىشلەمچىلىك قىلىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەنىدى، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئىككى قىزىغا ئۆزى يالغۇز قارايتتى. مۇقىم كىرىمى بولمىغاچقا، بەزىدە ھەتتا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىمۇ قامدىيالمايتتى. ئۇ ئەڭ قىيىنچىلىقتا قالغاندا، لى خەيتاۋ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.

«ئوغۇل بالا ئەركەك، ۋاز كەچمە! بىز بىرلىكتە ئامال تاپايلى». لى خەيتاۋنىڭ ياردىمىدە، ئىمىنجان مەڭلىك ئولتۇراق رايوننىڭ ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىنى تاپتى، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمى بار بولدى.

لى خەيتاۋ ئىمىنجان مەڭلىكتە ئوپېراتسىيە ئاسارىتى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ھەر پەسىلدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قايتا تەكشۈرۈپ، دوختۇرخانىدا ئالدى-كەينى چاپتى؛ يەنە ئۇنىڭ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا قۇتقۇزۇش پۇلى ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلگىنىگە يېرىم يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، لى خەيتاۋ يەنىلا ئاشۇ سۆيۈملۈك دوستلىرىنى ئەسلەپ تۇراتتى. «گەرچە مېنىڭ <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمىتىم ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن تۇەن-چاڭدىكى ئامما بىلەن ئورناتقان يېقىن مۇناسىۋىتىم ئۆزگەرمەيدۇ، مەن يەنىلا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكى ئىشنى ياخشى قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ