تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

غۇلجىدىكى قولدا خۇرۇم ئاياغ تىكىدىغان «ئايال موزدۇز»

    12-ئاينىڭ 11-كۈنى، رەنا ئابدۇقادىر خىزمەت ئۆيىدىكى مەشغۇلات سۇپىسىدا ئالدىراش ئىشلىمەكتە. 

12-ئاينىڭ 11-كۈنى، رەنا ئابدۇقادىر قوشنىسى بىلەن بىرلىكتە ئاياغ تىكىشتە ئىشلىتىلىدىغان مويلۇق تېرىنى كەسمەكتە.

  ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى مېي، فەرۇزە خەۋىرى، فوتوسى

  ئاياغ تىكىش ئىنچىلىك تەلەپ قىلىدىغان، قول تۇتىدىغان ئىش، بولۇپمۇ قولدا ئاياغ تىككەندە، پۈتۈن جەرياندا ئىنچىكە بولغاندىلا ئاندىن ياخشى ئاياغ تىككىلى بولىدۇ. غۇلجا ناھىيەسى خۇدىيايۈزى بازىرى بوز كەنتىدە بىر «ئايال موزدۇز» بار، ئۇنىڭ ئىسمى رەنا ئابدۇقادىر، ئۇنىڭ خىزمەت ئۆيىدە تىكىلگەن خۇرۇم ئاياغلار ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن خۇرۇم ئاياغ توپ سېتىش سودىگەرلىرىنى بۇ يەرگە كېلىپ زاكاز قىلىپ سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى.

  بۇرۇن، رەنا غۇلجا شەھىرىدىكى بىر ئاياغ زاۋۇتىدا ئۈچ، تۆت يىل ئىشلەپ، موزدۇزلۇق تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەنىدى.

  2018-يىلى، زاۋۇت كۆچۈپ كەتتى، ئۇ ئاپىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا بولمىغاچقا، سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى قولايسىز بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزى ئىگىلىك تىكلەش ئويىغا كەلدى. شۇ يىلى 3-ئايدا، ئۇ 20 مىڭ يۈەنگە مەخسۇس ئاياغ تىكىشتە ئىشلىتىلىدىغان تىكىش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، ئۆيىدە خىزمەت ئۆيى قۇردى.

  خۇرۇم ئاياغ تىكىشنىڭ نۇرغۇن قەدەم باسقۇچلىرى بار، ئالدى بىلەن ئاياغ قېلىپىگە خۇرۇم ئاياغ شەكلى لايىھەلىنىدۇ، ئاندىن ئۇنى نۇسخىلايدۇ، ئاندىن ھەقىقىي خۇرۇم كېسىلىدۇ. ئاياغ يۈزىدىكى تۆشۈكلەر پۈتۈنلەي قولدا تېشىلىدۇ، يەنە گىرۋەكلىرى قولدا تەكشى قىرىلىپ، تىكىش ماشىنىسىدا كۆرۈنمە يىپ بىلەن تىكىلىدۇ. ئاياغ چەمى قولدا كېسىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئاياغ يۈزى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ يىلىم سۈركىلىدۇ، ئاخىرىدا مىخ بىلەن ئاياغ چەمى مىخلىنىپ، ئاياغنىڭ شەكلى چىقىرىلىدۇ. ئاياغنىڭ چەمىنى ياساشقا ناھايىتى كۈچ كېتىدۇ، رەنا 28 يىللىق خۇرۇم ئاياغ تىكىش تەجرىبىسىگە ئىگە يېزنىسى بىلەن ھەمكارلاشتى، يېزىنىسى ئاياغ چەمى ياساش، مىخ قېقىشقا مەسئۇل بولدى، رەنا خۇرۇم ئاياغ نۇسخىسىنى لايىھەلەش، نۇسخىلاش، ئاياغ تىكىش قاتارلىق ئىنچىكە ئىشلارغا مەسئۇل بولدى.

  رەنانىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇنىڭ ھەدىسىنىڭ موزدۇزلۇقنى ئۆگەنگىنىگە ئىككى يىل بولدى، ھازىر ئۇ ئاساسىي جەھەتتىن مۇستەقىل تىكەلەيدىغان بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ئىككى شاگىرت قوبۇل قىلدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى رەنانىڭ قوشنىسى بولۇپ، ئۇلار تېخنىكا ئۆگىنىپلا قالماي، ھەر ئايدا يەنە مائاش ئالالايدۇ.

  «ھازىر بىر يىلدا 2000 جۈپ ئاياغ تىكىمەن، يىللىق كىرىمىم 40 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ» دېدى رەنا، ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل ئۇ ھويلىسىغا يېڭىدىن 90 كىۋادرات مېتىرلىق ئىشخانا سالغان بولۇپ، موزدۇزلۇق كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ