تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياۋجەنزى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى «قەددى»نى رۇسلىدى

يېشىل كەسىپ زەنجىرى كىرىمنى ئاشۇرۇش زەنجىرىگە ئايلاندى

ياۋجەنزى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى «قەددى»نى رۇسلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ ۋېي

«كېلەر ئايدا كەنتتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى پايدا ئايرىيدۇ، بۇ ئىشنى ئويلاپ كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلى يايراپ كەتتى» دېدى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گۇچۇڭ ناھىيەسى بەنجەگۇ بازىرى ياۋجەنزى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خوۋ جۇڭ خۇشال ھالدا.

بۇ ئىككى يىلدا، خوۋ جۇڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 1900 مو يېرىنى يالغۇز باشقۇردى، ھەر ئايدا 6000 يۈەن مائاش ئالدى، بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ يەر ئوبوروت ھەققى ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپى يىل ئاخىرىدا ئايرىغان پايدىنى قوشقاندا، ئۇنىڭ بۇلتۇر بىر يىللىق كىرىمى 170 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى، بۇ يىلقى كىرىمىنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئاز بولمايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

ئىلگىرى، ياۋجەنزى كەنتى ئەتراپتىكى كۆپ قىسىم كەنتلەرگە ئوخشاش بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزىنىڭ يېرىنى ئۆز ئالدىغا تېرىيتتى، يىللىق كىرىمى چەكلىك ئىدى، كەنت كوللېكتىپى بەك نامراتلىشىپ كەتكەنىدى. 2009 - يىلى، ياۋجەنزى كەنتى كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە فېڭيۈ يېزا ئىگىلىك مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى.

«بىز <كەنت پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقانلار ئائىلىسى>دىن ئىبارەت تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەنتنىڭ يېرىنى ئوبوروت قىلىپ بىرىكتۈرۈپ <بىر پارچە يەر>گە ئايلاندۇرۇپ، دېھقانچىلىقنى يېشىل ئۆلچەملەشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق. مۇشۇ ئاساستا، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتۇق. يېشىل، ئورگانىك بۇغداي تېرىقچىلىقى، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ھەم يېزا - كەنت ئېكولوگىيە ساياھەتچىلىكىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، <ياۋجەنزى> سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ نامىنى چىقاردۇق» دېدى ياۋجەنزى كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تاڭ پېيكې تونۇشتۇرۇپ.

2019 - يىلى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 160 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئىشقا ئاشۇرغان پايدىسى 19 مىليون يۈەندىن ئاشتى. كوپىراتىپ ئەزالىرىغا پاي قوشۇشتىن تەقسىملەنگەن پايدا 4 مىليون 320 مىڭ يۈەن بولۇپ، ھەر ئائىلىگە تەقسىملەنگەن ئوتتۇرىچە پايدا 13 مىڭ يۈەنگە، پۈتۈن كەنتنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 23 مىڭ 274 يۈەنگە يەتتى. بۇ يىل، ياۋجەنزى كەنتى «بىر پارچە يەر» كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، ئوبوروت قىلىنغان يەر كۆلىمى 140 مىڭ موغا يەتتى، كەنت كوللېكتىپىنىڭ مۈلۈك جۇغلانمىسى 10 مىليون 393 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

ياۋجەنزى كەنتى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تايانچ قىلىپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، يېشىل كەسىپ زەنجىرىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش زەنجىرىگە ئايلاندۇردى.

فېڭيۈ يېزا ئىگىلىك مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قولدا تەييارلىنىدىغان كەسمە چۆپ سېخىدا كەنت ئاھالىلىرى ھەر كۈنى ئالدىراش ئىشلەيدۇ.

12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، كەنت ئاھالىسى ۋاڭ جياكۇي موتوسىكلىتىنى مىنىپ ئۆيىدىن چىقتى. بەش مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئۇ ئۆيىدىن تەخمىنەن بىر كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كەسمە چۆپ پىششىقلاش سېخىغا كېلىپ، بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىدى. بۇ يەردە، خالتا - خالتا ئورگانىك ئۇن يۇغۇرۇش، بېسىش، ئېشىش، قۇرۇتۇش قاتارلىق 20 نەچچە ئىش تەرتىپى ئارقىلىق، نەپىس ئوراپ قاچىلانغان قولدا تەييارلانغان ئورگانىك كەسمە چۆپكە ئايلىنىپ، ئاخىرىدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىدۇ.

2017 - يىلى، ۋاڭ جياكۇي سىرتتا قولدا تەييارلىنىدىغان كەسمە چۆپ ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، دېھقاندىن كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلىنىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كەسمە چۆپ پىششىقلاش سېخىغا كىرىپ ئىشلىدى. ھازىر ئۇ سېخ مۇدىرى بولدى.

«ھازىر ئايلىق مۇقىم مائاشىم 6000 يۈەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە يەر ئوبوروت ھەققى ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئايرىيدىغان پايدا بار، قولۇم پۇل كۆردى، بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلدۈم» دېدى ۋاڭ جياكۇي.

2017 - يىلى، فېڭيۈ يېزا ئىگىلىك مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى مەبلەغ سېلىپ شىنجاڭ فېڭيى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، ئاساسلىقى ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، سېتىش بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ يىل شىركەت چىڭداۋدىكى بىر شىركەت بىلەن ھەمكارلاشتى، ئىككى تەرەپ 10 مىليون يۈەن پاي قوشۇپ، شىنجاڭ فېڭيى يېمەكلىك شىركىتىنى قۇردى، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن ھەر يىلى 1500 توننا ئورگانىك كەسمە چۆپ، 30 مىڭ توننا ئورگانىك ئۇن ۋە يېشىل ئۇن ئىشلەپچىقىرىدۇ.

ياۋجەنزى كەنتىدە تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، سالاھىيىتىدە ئۆزگىرىش بولغىنى يالغۇز ۋاڭ جياكۇيلا ئەمەس.

ياۋجەنزى كەنتىگە 20 كىلومېتىر كېلىدىغان گۇچۇڭ ناھىيە بازىرىدا بىر «ياۋجەنزى لەڭمەنخانىسى» بار بولۇپ، خاسلىققا ئىگە ئورگانىك لەڭمەن ئېتىلگەچكە، لەڭمەنخانا ھەر كۈنى دېگۈدەك مېھمانلار بىلەن توشۇپ كېتىدۇ. لەڭمەنخانىدا قولدا تارتىلغان ئورگانىك لەڭمەن پىلتىسى، ئورگانىك ئۇن، ياغ قاتارلىق مەھسۇلاتلار قويۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە «ياۋجەنزى» ماركىسى چاپلانغان.

لەڭمەنخانىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ دۇڭۋۇمۇ مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ياۋجەنزى كەنتىلىك، ئۇ مۇنداق دېدى: «ياخشى خۇرۇچ بولغاندىلا، مەززىلىك تائاملارنى ئەتكىلى بولىدۇ. دۇكىنىمىزدا ئىشلىتىلىدىغان ئورگانىك ئۇن، قىچا يېغىنىڭ ھەممىسى كەنتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان، لەڭمەنخانىمىز تىجارەت قىلىۋاتقان ئۈچ يىلدىن بۇيان سودىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلدى».

شۇ كۈنى چۈشتە، ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولغان بىر ئاپتوبۇس ياۋجەنزى كەنتىگە كىردى. بۇ ئاپتوبۇستىكىلەر ئۈرۈمچىدىكى بىر شىركەتنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى بولۇپ، شىركەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى كەنتتە ئىتتىپاقلىشىپ بەرپا قىلىش پائالىيىتىگە تەشكىللىگەنىدى. ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ياۋجەنزى كەنتىدىكى «پۇقراۋى قونالغۇ 1 - نومۇر» ئاشخانىسىدىكىلەر بىردىنلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

ياۋجەنزى كەنتى جامبۇلاق مەنزىرە رايونىغا 19 كىلومېتىرلا كېلىدىغان بولۇپ، گۇچۇڭ ناھىيە بازىرىدىن مەنزىرە رايونىغا بېرىشتا چوقۇم ئۆتىدىغان جاي.

2019 - يىلى كەنت ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشلامچىلىقىدا شىنجاڭ فېڭيى مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى. شىركەت 11 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ كەنت تارىخى سارىيى، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزى، مەززىلىك تائاملار مەيدانى، پۇقراۋى قونالغۇ قاتارلىقلارنى قۇردى، قۇرۇلغاندىن كېيىن ھەر كۈنى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارى 1000 ئادەمگە يەتتى.

يېشىل، ئورگانىك بۇغدايدىن ئۇدا يۇقىرى ھوسۇل ئېلىندى، پىششىقلاش سېخىدا ئۇننىڭ خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلدى، ئاشخانىلاردا مېھمانلار كۆپەيدى، پۇقراۋى قونالغۇلار راۋاج تاپتى. بۇغداي تېرىش، پىششىقلاش، سېتىشتىن يېمەك - ئىچمەك، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە بولغان جەرياندا يېزا ئىگىلىك يېشىل كەسپى «ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كېلىپ»، ياۋجەنزى كەنتىنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشتى.

«ياۋجەنزى كەنتى يېشىل كەسىپلەرنى ئاساس، 1 - ، 2 - ، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى يول قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن ئۈلگىلىك كەنت بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك، كەنت گۈزەل، دېھقانلار باي بولۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېدى تاڭ پېيكې.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ