تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سۈتچىلىكتە كۈچلۈك ناھىيە كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

12-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئىشچىلار شىنجاڭ شىيۈچۈن سۈتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سۈت سېغىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا.

12-ئاينىڭ 14-كۈنى، چېن ئېرچۇاڭ (ئوتتۇرىدا) قېتىق ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە.

12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئوخشاش بىر ئولتۇراق رايوندا تۇرىدىغان خىزمەتداشلار چېن ئېرچۇاڭ (ئوڭدا)نىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلىدا بىرلىكتە ئۆيگە قايتماقتا.

12-ئاينىڭ 14-كۈنى، تور دىكتورى خې يۈتىڭ (ئوڭدا) سۈت مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە تارقىتىپ ساتماقتا.

   شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ، گەي يوۋجۈن خەۋىرى، فوتوسى): «سۈت مەنبەسىنى زاۋۇتقا كىرگۈزۈشتىن سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشقىچە، يەنە ئوراپ قاچىلاپ توشۇشقىچە، ھەربىر ئىش ھالقىسى قاتتىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈشى كېرەك». 12-ئاينىڭ 14-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ شىيۈچۈن سۈتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، سېخ مۇدىرى چېن ئېرچۇاڭ بىر تەرەپتىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىش ئېكرانىدا تىكىلىپ ئولتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن شۇنداق دېدى.

   بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن چېن ئېرچۇاڭنىڭ شىيۈچۈن سۈتچىلىك شىركىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 13 يىل بولدى. 2008-يىلى، قىسىمدا ھەربىي سەپتىن چىكىنگەندىن كېيىن، ئۇ يۇرتى قۇتۇبى ناھىيەسىگە قايتىپ، بۇ شىركەتكە خىزمەتكە چۈشكەنىدى. «مەن ھازىر ھەر ئايدا 10 مىڭ يۈەن مائاش ئالىمەن، بۇ يىللاردا شىركەت مۇقىم تەرەققىي قىلدى، بىزنىڭ تەمىناتىمىزمۇ يىلسېرى ئۆستى. ئىككى يىل ئىلگىرى، مەن ناھىيە بازىرىدا ئاتا-ئانام ۋە ئۆزۈمگە 100 كىۋادرات مېتىردىن چوڭ تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋالدىم» دېدى چېن ئېرچۇاڭ.

   شىنجاڭ شىيۈچۈن سۈتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى تۇڭ گاڭپىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىركەت يەم-خەشەك ماتېرىياللىرى تېرىش ۋە پىششىقلاش، سۈت كالىسى يېتىشتۈرۈش، نەسىل ياخشىلاش ۋە بېقىش، سۈت مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاش ۋە سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان سۈتچىلىك تولۇق كەسىپ زەنجىرىنى پۈتۈن كۈچى بەرپا قىلغان. نۆۋەتتە، شىركەت قۇتۇبى نەسىللىك كالا مەيدانىدىكى ئاھالىلەردىن 1500دىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، ھەربىرەيلەننىڭ يىللىق مائاشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولغان.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى مەۋقەنى تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، مەبلەغ سېلىنمىسى ۋە سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، سۈت كالىسى باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلغان زامانىۋى چارۋىچىلىققا پائال يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاسلىقى روشەن، ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك بولغان كەسىپلەر توپلانما رايونىنى بەرپا قىلغان، شىيۈچۈن، ۋېيۋېي قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى باشلامچى كارخانىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ يېتىشتۈرۈپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ سۈتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن.

   بۇ يىل، شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلار سۈتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ، كىشى بېشى كىرىمىنى 1200 يۈەن ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، سۈتچىلىك قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلەشتىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ