تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون سىن يىغىنى ئېچىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

ئاپتونوم رايون سىن يىغىنى ئېچىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىپ-تىزگىنلەپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ-تىزگىنلەپ، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىپ-تىزگىنلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاپتونوم رايون سىن يىغىنى ئېچىپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن يىغىندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۇرپان شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغان پوزىتسىيە بىلەن، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ھالدا يۇقۇمنى قىسمەن دائىرىدە تىزگىنلەپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە مەنبەدىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دەل جايىدا ئىز قوغلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارقىلىش يوللىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ بايلىق، كۈچلەرنى ئىلمىي تەشكىللەپ ۋە تەڭشەپ، ئالاقىدار خادىملارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى تېز قانات يايدۇرۇپ، «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك؛ مۇھىتنى كۆزىتىش-ئۆلچەش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ پائالىيەت سورۇنلىرىنى ئاخىرقى ئۇچ ئۆلچىمىدە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈپ، ئايرىش سورۇنلىرىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك؛ يۇقۇم ئۇچۇرلىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئاشكارا، ئوچۇق ئېلان قىلىپ، جەمئىيەت ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك؛ رايونغا ئايرىش، دەرىجىگە ئايرىش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تاكتىكىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىسمەن دائىرىدىكى يۇقۇم رايونلىرىغا قاراتمىلىقى بار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەقىقىي تۈردە مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش، چىڭىتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكى، مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي يېڭىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، سىياسىي ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە بوشاشماسلىق، تەدبىردە بوشاشماسلىق، مېخانىزمدا بوشاشماسلىق، مەسئۇلىيەتتە بوشاشماسلىقنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ قاراتمىلىقى، ئىلمىيلىكى، دەل جايىدا بولۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش-ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم ئۆتكەل، ئاچقۇچلۇق ئورۇن ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىدا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ ئادەم، ماددىي ئەشيالارغا قارىتا تەڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەڭ تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پورتلاردا پۈتۈن جەريانلىق يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇش، ئىمپورت قىلىنغان ماللارغا قارىتا نوكلېئىك كىسلاتاسى بويىچە تەكشۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەش ۋە قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى ھالقىلىرىدا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىش، باشقۇرۇش ۋە ئالدىن تەكشۈرۈپ ئايرىپ دىياگنوز قويۇشنى چىڭىتىپ، «قاراۋۇللۇق» فۇنكسىيەسىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئاممىۋى مۇھىتتىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش-ئۆلچەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دائىملاشقان دېزىنفېكسىيەلەش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ تەربىيەلەش ۋە ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدار-سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاممىنى مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىلمىي مۇداپىئەلىنىشكە يېتەكلەش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، كەسپىي ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئامما ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، جايىدا تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ