تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، «14 - بەش يىل» ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئالايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

باشلىنىش پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، قەدەم ئېلىش كېيىنكى يۈزلىنىشنى بەلگىلەيدۇ. ھازىر، «13 - بەش يىل» تاماملىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، «14 - بەش يىل»نىڭ يېڭى سەھىپىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئىدىيەنى، ھەرىكەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھازىرقى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى تۇتۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، «14 - بەش يىل» ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئېلىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىن بىزگە شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ بەردى. گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى جانلىق رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان روھىي ھالەت، پۇختا خىزمەت ئىستىلى بىلەن، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە توغرا كېلىدۇ. بىز جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى ئېلىپ كەلگەن ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت ۋە خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ياخشى يۈزلىنىپ، «ۋاقىت» بىلەن «ۋەزىيەت»كە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، «خەۋپ» بىلەن «پۇرسەت»نى دىيالېكتىكىلىق ئىگىلەپ، ھەم مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداپ، «13 - بەش يىل»نى تاماملاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز، ھەم مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، سىجىل كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «14 - بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، «كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش» ئىرادىسى بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. خىزمەت تۈرلۈك - تۈمەن، مۇرەككەپ، بىز جەزمەن «كىرىش نۇقتىسى»نى توغرا تېپىپ، «بۆسۈش ئېغىزى»نى ئېچىپ، ئىشنىڭ جىددىي ياكى جىددىي ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئايرىپ، ئىلگىرى - كېيىنلىكى، ئاساسلىقى، ئىككىنچى ئورۇندىكىلىرىنى ئىگىلەپ، ئەڭ تۈپ، ئەڭ ئاچقۇچلۇق، ئەڭ ئاساسلىق ھالقىلاردىن باشلاپ قول سېلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، بىر - بىرلەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، كۈچەپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان روھ بىلەن «13 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىنى ئىشقا سېلىپ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلاش، ياخشى ئالغا سىلجىتىش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، «تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرى، مۇھىم، زور تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئاچقۇچ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە. ھەقىقىي تۇتىدىغان غەيرەت، دادىل تۇتىدىغان جاسارەت، ماھىرلىق بىلەن تۇتىدىغان پاراسەت، دائىم تۇتىدىغان چىدامچانلىقنى ساقلاپ، ئەمەلىي تۆھپە قوشۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، شەكىلۋازلىقتىن، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كادىرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىي كۈچىنى خىزمەتنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەشكە سەرپ قىلدۇرۇش كېرەك. كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر كادىرلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان كادىرلارنى قابىلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدىغان ئورۇنغا ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كادىرنى باشقىچە خىياللاردا بولماي، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، يېڭى دەۋردە چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا يېتەكلەش كېرەك.

ئۇلۇغ ئىش بىزنى چاقىرماقتا، مۇقەددەس بۇرچ بىزنى رىغبەتلەندۈرمەكتە. بىز بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، ھازىرقى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «14 - بەش يىل»نىڭ ئوڭۇشلۇق باشلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە قالتىس شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ