تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىدا كېلەر يىلى يېڭى توك يەتكۈزۈش - تەقسىملەش باھاسى ئىجرا قىلىنىدۇ

ھەر يىلى چوڭ سانائەت كارخانىلىرىنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنىڭ 1 مىليارد 300 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئازىيىشى مۆلچەرلەندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن، پىراكتىكانت جاڭ بىنبىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە باھا مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، توك باھاسى ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش، جەمئىيەتتىكى توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، «ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى توك باھاسىنى تەڭشەشكە ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» يېقىندا بېسىپ تارقىتىلىپ، 2021 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىدا يېڭى توك يەتكۈزۈش - تەقسىملەش باھاسىنى ئىجرا قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، چوڭ سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توك مۇندەرىجىسىدىكى سېتىلىدىغان توك باھاسىنىڭ ئوخشاش بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

بۇ قېتىمقى توك باھاسى تەڭشەلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك يەتكۈزۈش - تەقسىملەش باھاسى «دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ 2020 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئېلېكتىر تورىدىكى توك يەتكۈزۈش - تەقسىملەش باھاسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش سودىسىغا قاتناشقان چوڭ سانائەت ئابۇنىچىلىرىغا قارىتىلغان توك يەتكۈزۈش - تەقسىملەش باھاسى سەۋىيەسى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى چوڭ سانائەت كارخانىلىرىنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى 1 مىليارد 300 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئازايتقىلى بولىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش سودىسىغا قاتناشمىغان چوڭ سانائەت ئابۇنىچىلىرىغا قارىتا باھاسى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن چوڭ سانائەت مۇندەرىجىسىدىكى توك سېتىش باھاسى ئىجرا قىلىنىدۇ، كونكرېت تۆۋەندىكىچە: بىرلىك توك باھاسى بىر كىلوۋولتتىن ئون كىلوۋولتقىچە بولسا ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى 0.378 يۈەن، 35 كىلوۋولت بولسا ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى 0.356 يۈەن، 110 كىلوۋولت بولسا ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى 0.336 يۈەن، 220 كىلوۋولت ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولسا ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى 0.310 يۈەن بولىدۇ؛ ئاساسىي توك ھەققى ئەڭ زور ئېھتىياج مىقدارى ياكى تىرانسفورموتور سىغىمچانلىقى بويىچە ھەق ھېسابلىنىدۇ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 33 يۈەن/كىلوۋات · ئاي، 26 يۈەن/كىلوۋولت ئامپېر · ئاي بولىدۇ. يۇقىرى پەللە ۋاقىت بۆلىكىدىكى توك باھاسى مۇناسىپ تەڭشەلدى. تۆمۈر قېتىشمىسى، ئېلېكتىرولىزلانغان كۆيدۈرگۈچى ئىشقار قاتارلىقلاردىكى يۇقىرى سەرپىياتلىق توك باھاسى تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئېنېرگىيە باھاسى باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توك باھاسى تەڭشەلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىدا چوڭ سانائەت مۇندەرىجىسىدىكى سېتىلىدىغان توك باھاسى سەۋىيەسى ئاساسىي جەھەتتىن مەملىكەت بويىچە تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ، ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى %7تىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدا ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى %20تىن يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېلېكتىر تورىدا چوڭ سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان توك مۇندەرىجىسىدىكى سېتىلىدىغان توكنىڭ باھاسى ئوخشاش ئەمەس ئىدى، بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە 12 باھا رايونىدىكى چوڭ سانائەت مۇندەرىجىسىدىكى سېتىلىدىغان توكنىڭ باھاسى ئوخشاش بولۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، چوڭ سانائەت كارخانىلىرىنىڭ توك ئىشلىتىش باھاسى تۆۋەنلىتىلىپ، دۆلەتنىڭ يېشىل تەرەققىيات باھا مېخانىزمىنىڭ تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ