شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، قومۇل شەھەرلىك 4 ـ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى جىڭ گاڭ ئۆيىدە «خەيىرلىك كالا يىلى» ناملىق بىر يۈرۈش قەغەز قىيما ئەسەرلىرىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىجاد قىلىۋاتاتتى، كىتاب ئۈستىلىگە قەغەز قىيما ئىجادىيىتىنىڭ دەسلەپكى سىزمىلىرى ۋە چوڭ ـ كىچىك دەپتەرلەر قويۇلغانىدى. جىڭ گاڭ سول قولىغا تايىنىپ، ئىككى ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ قەغەز قىيما ئەسىرى «ئۈزۈم رىۋايىتى»نى ئىجاد قىلدى، مەركىزىي گۈزەل سەنئەت يۇرتىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ شىيەن ئۇنىڭغا «جىڭ گاڭ قەغەز قىيمىسى»نى يېزىپ بەردى. ئۇ يەنە قەغەز قىيما ئەسىرى «ئون ئىككى مۇقام»نى ئىجاد قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك قەغەز قىيما مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.
جىڭ گاڭ 19 يېشىدا جۇڭگو ئەلئارا قەغەز قىيما تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 2001 ـ يىلى، ئۇ شەندۇڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ، جۇڭگوچە رەسىم سەنئىتىنى ئۆگەندى، ئېلىمىزنىڭ داڭلىق رەسسامى تاڭ شيۇلىڭ، ۋۇ گولياڭ قاتارلىقلاردىن قەغەز قىيما چاتما رەسىمى، جۇڭگوچە رەسىم سىزىشنى ئۆگەندى. 2005- يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، جىڭ گاڭ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي رايون پىلانىغا قاتنىشىشقا تىزىملىتىپ، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ كۇيسۇ بازىرىغا تەقسىم قىلىندى. 2006 ـ يىلى، جىڭ گاڭ قومۇل شەھەرلىك 4 ـ ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ، گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولدى. ئۇ قەغەز قىيىش سەنئىتىنى گۈزەل سەنئەت دەرسخانىسىغا ئېلىپ كىرىپ، تېخىمۇ كۆپ بالىلارغا دەرس ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ قەلبىدە، ئوقۇغۇچىلارغا قەغەز قىيمىچىلىقىنى ئۆگىتىش بىر ھۈنەر ئۆگىتىش بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ھېسابلىناتتى.
ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، 2015 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، جىڭ گاڭنىڭ مېڭىسىگە تۇيۇقسىز قان چۈشۈپ، بىر يىلدا تۆت قېتىم باش سۆڭىكىنى ئېچىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاچقا، چوڭ مېڭىسى زەخىملىنىپ، ئوڭ تەرەپ پۇت ـ قولى پالەچ بولۇپ قالدى. لېكىن، جىڭ گاڭ بۇنىڭلىق بىلەن چۈشكۈنلىشىپ كەتمىدى، قەيسەر ئىرادىسى ۋە رەسىم سىزىشقا بولغان تەشنالىقى ئۇنى روھلاندۇردى.
جىڭ گاڭنىڭ ئەسەرلىرىدە قەغەز قىيما سەنئىتىنىڭ سېھرىي كۈچى بار ھەم ھېكايىلىككە تولغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ يۇمىلاق ئۈستەل ئۇسسۇلى»، «قومۇلنىڭ چىلانلىرى قىزاردى»، «مۇقام»، «پوتا ئۇسسۇلى»، «قوغۇن رىۋايىتى»، «پارتىيە بەدەل پۇلى» قاتارلىق ئەسەرلەر پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى چوڭ گېزىت ـ ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى، جۇڭگوچە رەسىم ۋە قەغەز قىيما ئەسەرلىرى شاڭخەي شەرق گۈزەل سەنئەت سارىيى ۋە گۇاڭشى مىللەتلەر مۇزېيى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن يىغىپ ساقلاندى.
جىڭ گاڭنىڭ تەسىرىدە، ئۇنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلىمۇ قەغەز قىيمىنى ياخشى كۆرۈپ قالدى، ئۇ ئىجاد قىلغان «پىدائىيلار» ناملىق ئەسەر «ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش چۈشى» 2020-يىللىق مەملىكەتلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىجادىيەت قەغەز قىيمىسى مۇسابىقىسىدە مۇنەۋۋەر مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
«مەن ھازىر خام ماتېرىيال توپلاپ، تېخىمۇ ياخشى قەغەز قىيما ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشقا تىرىشىۋاتىمەن» دېدى جىڭ گاڭ.