تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز شيې فەن خەۋىرى) يەنە ئىككى ئايدىن كېيىن، نورۋېگىيەدە مەشىق قىلىۋاتقان دىلنىگار ئىلھامجان دۆلەتكە قايتىپ مەركەزلىك مەشىقلەندۈرۈشكە قاتنىشىدۇ، بۇ مەزگىلدە، دادىسى ئىلھامجان مىراجىنىڭ ۋېيشىندىكى ئىلھاملاندۇرۇشى ئۇنىڭ داۋاملىق مەشىق قىلىشىدىكى مەنىۋى تۈۋرۈككە ئايلاندى.
19 ياشقا كىرگەن دىلنىگار ئىلھامجان 2019-يىللىق خەلقئارا قار تېيىلىش بىرلەشمىسىنىڭ جۇڭگو بېيجىڭ دالىدا قار تېيىلىش نومۇر جۇغلاش مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار قىسقا ئارىلىق مۇسابىقىسىدە، 4 مىنۇت 26 سېكۇنت 82 دەقىقە نەتىجە بىلەن ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى. بۇ جۇڭگولۇق ماھىرنىڭ تۇنجى قېتىم دالا قار تېيىلىش مۇسابىقىسىدە مېدالغا ئېرىشىشى ئىدى، ئۇ بىر مۇسابىقىدىلا نام چىقاردى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۇنىڭ 2021-يىلى 1-ئايدىكى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسىدىن زور ئۈمىد كۈتتى. 51 ياشلىق ئىلھامجان ئىلگىرى دالىدا قار تېيىلىش دۆلەت كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ، مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن. ھەربىيلىكتىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدە خىزمەت قىلدى، ئۇ قىزى دىلنىگارنىڭ دالىدا قار تېيىلىش تىرېنېرى. دىلنىگار ئەڭ دەسلەپكى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېيىلىشنى قايتا-قايتا مەشىق قىلىشتىن دۇنيا دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردە لوڭقىغا ئېرىشىشكىچە، دادىسى ئۇنىڭغا ئىزچىل ھەمراھ بولدى، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، دالىدا قار تېيىلىش دۆلەتلىك مەركەزلىك مەشىقلەندۈرۈش ئەترىتى شىنجاڭ گۇرۇپپىسى 1-كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولغان دىلنىگار شىنجاڭ گۇرۇپپىسى 2-كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى بولغان دادىسى بىلەن بىرلىكتە قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شەرەپ قۇچۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا.