تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق پات ئارىدا پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويىدىغان، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان مۇھىم تارىخىي پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە ئاساسىي نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم 2035 - يىلىغىچە بولغان تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى ئىلمىي پىلانلاندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى نىشاننى كۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى جاسارەت بىلەن باشلاش كېرەك.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇلۇپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتى سىستېمىلىق پىلانلىنىپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلەندى. 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. يېڭى مۇساپىدە، بىز ئاڭلىق ھالدا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر چوڭ ۋەزىيەت ئىچىدە پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلىشىغا، توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

يېڭى مۇساپىنى باشلاشتا، بىزنىڭ غەيرىتىمىز يېتەرلىك. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولدى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەر پات يېقىندا تاماملىنىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا تۇرماقتا، يېڭى مۇساپىنى باشلاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

پەيت يېتىپ كەلدى، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ؛ كۈچ شەكىللەندى، ئۇنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. «14 - بەش يىل» مەزگىلى دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققان، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدىغان تۇنجى بەش يىل، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان، ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاتلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق بەش يىل. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، پۇرسەت ۋە خىرىس تەڭ مەۋجۇت، قىيىنچىلىق ۋە ئۈمىد تەڭ مەۋجۇت، لېكىن پۇرسەت خىرىستىن چوڭ، ئۈمىد قىيىنچىلىقتىن كۆپ. ئۇزاقتىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە، شىنجاڭنى دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىستراتېگىيەلىك توسۇق، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتىكى نۇقتىلىق رايون قىلىپ، بىر قاتار ئالاھىدە قوللاش سىياسەتلىرىنى بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە يېڭى دەۋردە پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇش خىزمەت ئەندىزىسى شەكىللەندى. شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يېرى كەڭ، كان بايلىقى مول، ساياھەت بايلىقى مول توپلانغان بولۇپ، بايلىقنى ئايلاندۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور؛ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقى ساقلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىلدى؛ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن قۇرۇلۇش قىلىش، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى... پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن يېڭى پۇرسەت، يېڭى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

«ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، شەرەپلىك بۇرچ كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.» بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتا يېڭى تارىخىي شان - شەرەپ قۇچايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ