تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ ئىلى: سوغۇق سۇ بېلىقى بېقىش خەلقنى بېيىتىدىغان «ئىسسىق كەسىپ»نى بارلىققا كەلتۈردى

 

شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بېلىق بېقىش تور ساندۇقىدىكى سوغۇق سۇ بېلىقىغا يەم بەرمەكتە.(6-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان)

  شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى تېلېگراممىسى: (خې جيەنپىڭ، ۋاڭ تىڭ) تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدە، شىنجاڭنىڭ نىلقا ناھىيەسى قاراسۇ يېزىسىدا شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان قاش دەرياسىنىڭ سۈيى كەنتنى بويلاپ ئەگرى-بۈگرى ئېقىپ ئۆتەتتى، بۇ سۇ رايونى شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تيەنيۈن شىركىتى» دېيىلىدۇ) نىڭ سەنۋېن بېلىقى باقمىچىلىق بازىسى ئىدى.

شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئەمدىلا تۇتۇلغان سوغۇق سۇ بېلىقىنى كۆرسەتمەكتە (6-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان).

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق شۆبە بانكىسى مەۋقەنى نىلقا ناھىيەسىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، تيەنيۈن شىركىتى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئۇنىڭ باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، «ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان 1-، 2-كەسىپلەر ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، 1-، 3-كەسىپلەر ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان» كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىپ، شۇ جاينىڭ نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنىڭ خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشى، كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى نىلقا ناھىيەسىنىڭ قاراسۇ يېزىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ پىششىقلاش سېخى (6-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان).

  ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىلىدىن ھازىرغىچە ئىلى ئوبلاستلىق شۆبە بانكا تيەنيۈن شىركىتىگە جەمئىي 160 مىليون يۈەن قەرز پۇل بېرىپ،  يېڭىدىن 900 مىڭ كىۋادرات مېتىر بېلىجان يېتىشتۈرۈش سېخى قۇرۇشىنى قوللىغان، 55 مىڭ 100 كىۋادرات مېتىر تاۋار بېلىق باقمىچىلىق تور ساندۇقىنى يېڭىدىن كۆپەيتكەن، سۇ يۈزىنى باشقۇرۇش-قوغداش ۋە يەم-خەشەك بېرىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىدىن 2400 كىۋادارت مېتىرنى مۇكەممەللەشتۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بۇ يىل يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە تيەنيۈن شىركىتىگە 50 مىليون يۈەن قەرز پۇل بېرىپ، ئۇنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلغان.

شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى سوغۇق سۇ بېلىقى تۇتماقتا (6-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان). 

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىلى ئوبلاستلىق شۆبە بانكا «ھۆكۈمەت + بانكا + باشلامچى كارخانا + دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى + نامرات ئائىلە»دىن ئىبارەت كىرېدىت مەدىتى ئەندىزىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق، تيەنيۈن شىركىتىنىڭ سەنۋېن بېلىقى باقمىچىلىق كەسپىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «يېشىل بانكا»غا ئايلاندۇرۇپ، نىلقا ناھىيەسىنىڭ قاراسۇ يېزىسىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 609 نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈرتكە بولدى، قاراسۇ يېزىسىنىڭ قاراسۇ كەنتىدىكى 40 نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلۇشىغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، نىلقا ناھىيەسىدىكى 1500 ئائىلىلىك دېھقان-چارۋىچىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولدى، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمىنى تەخمىنەن 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇردى.

شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئەمدىلا تۇتقان سوغۇق سۇ بېلىقىنى كۆرسەتمەكتە (6-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان). 

شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى بېلىق بېقىش تور ساندۇقىدىكى سوغۇق سۇ بېلىقىغا يەم بەرمەكتە (6-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان).

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ