تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى شىڭ

قىش كىرگەندىن بۇيان، ئاپئاق قار كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئىلى دەرياسى ساھىلىدىكى سۇلۇق يەردە، توپ-توپ ياۋا ئۆردەكلەر خۇشال ئويناۋاتاتتى، بۇ جاي بەئەينى بالىلار چۆچەكلىرىدىكى گۈزەل دۇنياغا ئوخشايتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلى دەرياسىنىڭ سۇلۇق يەر بايلىقى ئۈنۈملۈك قوغدالدى، بۇ يەردە ياشايدىغان ۋە قىشنى ئۆتكۈزىدىغان ياۋايى ھايۋانلار يىلسېرى كۆپەيدى.

ئىلى دەرياسى سۇلۇق يېرىدىكى ئۆزگىرىش ئاپتونوم رايونىمىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراق»نى قوغداش جېڭىنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل ياخشىلىدى.

بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى

«<13-بەش يىل>، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنىڭ ياخشىلىنىش نەتىجە-ئۈنۈمى ئەڭ زور بولغان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى بولغان بەش يىل» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر دەي ۋۇجۈن.

«13-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ساھەسىدىكى چەكلىمە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچتىن جەمئىي توققۇزنى تەكشۈرۈپ باھالىدى. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز خىمىيەۋى ئېھتىياجلىق ئوكسىگېن مىقدارى، ئاممىياكلىق ئازوت، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدى، ئازوت ئوكسىدىدىن ئىبارەت ئاساسلىق بۇلغىمىلارنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش ۋە يەر ئۈستى سۈيىنىڭ سۇ سۈپىتىنى Ⅲ تۈردىكى سۇ نىسبىتىگە يەتكۈزۈش ياكى ئۇنىڭدىن ياخشىلاش، ناچارⅤتۈردىكى سۇ نىسبىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىدى.

2020-يىلى بۇ ئالتە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ سىجىل ياخشىلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى. ھېسابلىنىشىچە، 2019-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا بىرلىك GDPنىڭ كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى 2015-يىلىدىكىدىن %11.12 تۆۋەنلەپ، 2020-يىلى %12 تۆۋەنلىتىش نىشان تەلىپىگە يېقىنلاشقان، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىشتىن ئۈمىد بار ئىكەن.

بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك ھۆكۈمەت (مەمۇرىي مەھكىمە) جايلاشقان 14 شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كۈن سانى نىسبىتى%75.5 (2018-يىلى، 2019-يىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %69.0، %71.4بولغان) بولۇپ، 2020-يىلى %75.7تە تىزگىنلەش نىشانىغا يېتىشكە يەنە 0.2 پىرسەنت پوئېنت كەم قالغان. «ئەڭ ئاخىرىدا دۆلەتنىڭ تەلىپىگە يەتكىلى بولامدۇ-يوق، بۇ يىل قىشقا قارايمىز. بىز بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى تۈرلۈك چەكلىمە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچلەرنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى دەي ۋۇجۈن.

سۇ بۇلغىمىلىرى قويۇپ بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلەپ، سۇنىڭ ئېكولوگىيە مۇھىت بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بەش يىل ئىچىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇندىنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى شارائىتىنى ھازىرلىغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى سانائەت توپلاشقان 84 رايوننىڭ ھەممىسىدە يۇندىنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلدى ھەم ئاپتوماتىك توردا نازارەت قىلىش-تىزگىنلەش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى شەھەر-بازار تۇرمۇش يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئېكولوگىيەنى قوغداش سالمىقى سىجىل زورايدى

ئىلگىرى بۇ يەر قۇم-بوران مەنبەسى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، قۇم - بوران مەنبەسى ئېكولوگىيەلىك توسۇق، بوستانلىق باغقا ئايلاندى، 30 نەچچە يىل قەتئىي بوشاشماي كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ئارقىلىق، كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى چۆللىشىشنى تىزگىنلەشتىكى ئۈلگىگە ئايلاندى.

پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدىكى كەڭ كۆلەمدە دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتى قۇملۇقنى بوستانلىقنىڭ سىرتىدا قەتئىي توسۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يېشىللىق كۆلىمىنى ئاز-ئازدىن كېڭەيتمەكتە. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارغا تايىنىپ، جەمئىي 11 مىليون 130 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلىپ، قۇملاشقان 24 مىليون 660 مىڭ مو يەرنى تىزگىنلەشنى تاماملىدى، 60 مىليون مو سۇلۇق يەر ئۈنۈملۈك قوغدالدى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت ئورنىدىن 221ى بار بولۇپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، داڭلىق مەنزىرە رايونى، ئورمان باغچىسى، سۇلۇق يەر باغچىسى، گېئولوگىيە باغچىسى، سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى قوغداش رايونى قاتارلىق يەتتە خىل تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 240 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇ ئىچكىرى رايونلاردىكى نۇرغۇن ئۆلكىنىڭ كۆلىمىدىنمۇ چوڭ.

يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەنت تازىلىقى ھەرىكىتىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %100كە يېتىپ، 9180 مەمۇرىي كەنتنىڭ كەنت قىياپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدە سۇ بىلەن تازىلىنىدىغان تەرەت تۇڭى ئىشلىتىلدى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرى قالايمىقان تاشلانمايدىغان، تۇرمۇش يۇندىسى تەرەپ-تەرەپكە ئاقمايدىغان بولدى.

چېگرادىكى بوستانلىق ئىلىدىن چۆچەكلەردىكىدەك چېگرا شەھەر بۇرچىنغىچە، دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش شەھەر-ناھىيەلىرى ۋە «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش يېڭىلىق يارىتىش بازىلىرى تىزىملىكىدە، شىنجاڭدىن ئالتە ناھىيە تىزىملىككە كىرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەتئىي تۈردە يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا يېتەكلىدى.

تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق بىر گەۋدىلەشكەن ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداش بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك گۈزەل مەنزىرىسىنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىلدى.

قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىلىپ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار قوغدالدى

شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشتا قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىش مۇھىم.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت قوغداش نىزامى» «ئاپتونوم رايوننىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش نىزامى» «ئاپتونوم رايوننىڭ خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش چارىسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ رادىياتسىيە بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش چارىسى» قاتارلىق يەرلىك نىزام ۋە ھۆكۈمەت قائىدىلىرىنى ئېلان قىلدى ياكى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى بىر قاتار قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى تۈزدى، چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆزىتىش-ئۆلچەش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە نازارەت قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت «ئىككى ئىجابىي تىزىملىك»نى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش جەريانىدا، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، قىزىل چەك، تۆۋەن چەك تەلىپىنى ئاخىرغىچە ئىزچىللاشتۇردى.

بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى يادرو قىلغان «بىر كىنىشكا شەكلى»دىكى مۇھىت باشقۇرۇش سىستېمىسى تېز ئالغا سىلجىتىلدى. 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، 33 نۇقتىلىق ساھەگە بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرۈپ تارقىتىش تاماملاندى. 2020-يىلى، «بىر ساھەگە تەكشۈرۈپ تارقىتىش، بىر ساھەنى تەرتىپكە سېلىش، بىر ساھەنى قېلىپلاشتۇرۇش، بىر ساھەنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش» تەلىپى بويىچە، كىنىشكا تارقىتىلغان 33 ساھەنىڭ مۇقىم بۇلغىما مەنبەسىدىن بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتىنى ئېنىقلاش، تەرتىپكە سېلىش ۋە 2020-يىلى 91 ساھەگە مۇقىم بۇلغىما مەنبەسىدىن بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېرىپ تىزىملاش تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، مۇقىم بۇلغىما مەنبەسىدىن بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتىنىڭ تولۇق قاپلىشى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى.

مۇھىت تەسىرىنى باھالاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە نازارەت قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت «ئىككى ئىجابىي تىزىملىك» يولغا قويۇلدى. مۇھىت تەسىرىنى باھالاش بويىچە كەچۈرۈم قىلىش، باشقۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئون چوڭ تۈر، 30 كىچىك تۈردىكى ساھە تۈرىگە قارىتا، مۇھىت تەسىرىنى تىزىملاش جەدۋىلى قايتا تولدۇرۇلمايدىغان بولدى. مۇھىت تەسىرىنى باھالاش بويىچە خەۋەرلەندۈرۈش-ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن 17 چوڭ تۈر، 44 كىچىك تۈردىكى ساھە تۈرىگە قارىتا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرى ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، باھالاش، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمەي، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمىتىنى تاماملاش توغرىسىدا بىۋاسىتە قارار چىقارسا بولىدىغان بولدى، ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق، مۇھىت قوغداش تەلىپىنىڭ تۆۋەنلىمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قانۇن ئىجراسى ساھەسىدە «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، توردا نازارەت قىلىش-تىزگىنلەش، بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىلىپ، نەق مەيدانغا بارمايلا تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىجابىي تىزىملىك تۇرغۇزۇش پائال ئالغا سىلجىتىلدى. ئامما ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا پائال قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇلدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىستېمىلىرى تاپشۇرۇۋالغان ئەرزىيەت، پاش قىلىش بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.8 تۆۋەنلىدى.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمى تېز ئورنىتىلدى، «13-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز مەسئۇلىيىتى ئېنىق، يولى راۋان، تېخنىكىسى قېلىپلاشقان، كاپالىتى كۈچلۈك، تۆلىمى جايىدا بولغان، ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈنۈملۈك بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىدۇ.

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىدىكى «ئاساسىي قۇرۇلما» ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى