تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇرۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەردى

  يېقىندا، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئەزاسى، قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇرۇش مەخسۇس بەنىنىڭ مەسئۇلى خۇ كوۋجۇ گۇما ناھىيەسىنىڭ سانجۇ بازىرى، قوشتاغ بازىرى، گۇما بازىرى قاتارلىق يەتتە يېزا-بازارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزا-بازارلىق پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇرۇش توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپ ئالدى، يېزا-بازارلاردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، يېزا-بازارلاردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ خىزمەت تەسەۋۋۇرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇرۇش پائالىيىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ كۈچەيتتى.

  يېزا-بازارلىق پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، خۇ كوۋجۇ ئالدى بىلەن قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۆنىلىشى، ئەھمىيىتى ۋە رولىنى ئىزاھلىدى، ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشخانىسى مەخسۇس لايىھە تۈزۈپ، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ئالتە شەھىرى بىلەن گۇما ناھىيەسىدىكى يېزا-بازارلارنىڭ قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قوشماقلىشىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوشماقلاشقان يېزا-بازارلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  ئەنخۇينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى كۆپ قېتىم مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: فۇياڭ، خۇەينەن، بېڭبۇ شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گۇما ناھىيەسىگە بېرىپ، قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغانلىقى ئەنخۇيدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلەرنىڭ قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تۈرلۈك قائىدە-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىپ، سىياسىي بىخەتەرلىك، خىزمەت بىخەتەرلىكى ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل، پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ھەرقايسى يېزا-بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرى، بازار باشلىقلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەنخۇينىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ گۇما ناھىيەسىنىڭ يېزا-بازارلىرىنى قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت، ھەرقايسى يېزا-بازارلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ۋىلايەت، شەھەرلەر بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئورتاق قۇرۇش كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەنخۇينىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلىرى بىلەن ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ گۇما ناھىيەسىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز.

  خۇ كوۋجۇ يەنە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش مۇھىتىنى ئىگىلىدى ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار بىلەن سىرداشتى، سۆھبەتلەشتى.

  «خەلق تورى» دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ