تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ تولى: كۈل رەڭ تاغ بۆدۈنىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق ئىزدىشى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى تولى ناھىيەسىدىكى فوتو-سۈرەت ھەۋەسكارلىرى ناھىيە بازىرى ئەتراپىدىكى چۆللۈكتە كۈل رەڭ تاغ بۆدۈنىسىنىڭ توپ-توپ بولۇپ ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان چۆللۈكتە ياتقانلىقىنى، بەزىدە بېشىنى قار دۆۋىسىگە تىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدىسە، بەزىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ يىراقلارغا قارىغان ئوماق ھالىتىنى كۆردى.

  كۈل رەڭ تاغ بۆدۈنىسى بىر خىل ئوتتۇراھال بەدەن تىپىدىكى بۆدۈنە بولۇپ، شوخ، يۈگۈرۈشكە ۋە يوشۇرۇنۇشقا ماھىر، تېز ھەمدە تۈز سىزىق بويىچە ئۇچىدۇ، لېكىن ئادەتتە يىراققا ئۇچمايلا يەردىكى ئوت-چۆپلەر ياكى چاتقاللىقلارغا قونىدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ۋە چاتقاللارنىڭ يۇمران شاخلىرى، يۇمران يوپۇرماقلىرى، بىخى، گۈلى، مېۋىسى، ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. مەملىكىتىمىزدە پەقەت شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقى ئەتراپلىرىغا تارقالغان بولۇپ، كۆپ ئۇچرىمايدۇ. چاڭ ديەنشۆ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ