تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەدەم بىلەن خەلق رايىنى ئۆلچەش چىن ھېسسىيات بىلەن خەلق قەلبىنى ئىللىتىش

− «مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل مەمۇر» ئىلمىرە بەختى توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ لۇ

12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى جەنۇبىي شەھەر كوچا باشقارمىسى تەۋەسىدىكى ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىدە ئولتۇرۇشلۇق خۇاڭ جياچيۇڭ كۆچۈپ كەتكىنىگە بىر يىل بولاي دەپ قالغان بولسىمۇ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى لەڭگەر كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى ئىلمىرە بەختىنىڭ يەنىلا ئۆزىنى ئەستىن چىقارمىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

«بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئۆيۈم كۆچۈرۈلگەندە، ئېرىم راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئىدى، ئائىلىمىز ئەڭ قىيىنچىلىقتا قالغاندا، ئىلمىرە ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ، ئائىلىمىزنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەردى.» خۇاڭ جياچيۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم ئىلمىرە يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېلېفون قىلىپ، مەندىن قانداق ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمنى سورىدى، بۇنىڭدىن قەلبىم ئىللىقلىققا تولدى».

مەيلى جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر ساقچىسى بولغاندا بولسۇن، ياكى يېزا، بازار، كوچا باشقارمىسىدا خىزمەت قىلغاندا بولسۇن، ئىلمىرە 15 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، قەلبىگە ئاممىنى پۈكۈپ، ئاممىغا چىن قەلبىدىن مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى باھالاپ ئېلان قىلغان مەملىكەت بويىچە «ئەڭ گۈزەل مەمۇر» تىزىملىكىدە ئىلمىرەنىڭ ئىسمى بار.

پارتىيە ئەزاسى بولغانىكەنمەن ئاتاكىدا ئالدىدا مېڭىشىم كېرەك

بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇن ئىلمىرەنىڭ ئېرىنىڭ خەلق ساقچىسى ئىكەنلىكى، ئوغلى كىچىك بولۇپ، ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوقلۇقىنى ئويلىشىپ، ئۇنى ئۆيىدە بۇيرۇق كۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئۇ رەت قىلىپ: «مەن بىر كومپارتىيە ئەزاسى، قانچىكى ئاچقۇچلۇق پەيتتە، شۇنچىكى ئاتاكىدا ئالدىدا مېڭىشىم كېرەك» دېدى.

ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى تۈرلۈك - تۈمەن، مۇرەككەپ بولۇپ، ئىلمىرە ئېغىرلىق مەركىزىنى ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا قويدى. نەچچە ئون كۈن ئىچىدە، ئىلمىرە بىرەر قېتىممۇ ئۆيىگە قايتىپ باقمىدى، ئەكسىچە ھەر كۈنى تەۋەلىكىدىكى ئولتۇراق رايونلارنى بىر قېتىم ئايلىنىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كۆكتات بىلەن تەمىنلەش، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈردى. ئۇ ھەر كۈنى 10 مىڭ قەدەمدىن ئارتۇق مېڭىپ، پۇتلىرى قاپىرىپ كەتتى، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا بەدەن ئېغىرلىقى سەككىز كىلوگىرام چۈشتى.

خىزمەت ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ، ئىلمىرە ياردەمگە موھتاج كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدى. كوچا باشقارمىسى تەۋەسىدە 49 ئىگە - چاقىسىز ياشانغان كىشى، 84 قارىغۇچىسى يوق ياشانغان كىشى، 35 مېيىپ كىشى بار بولۇپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۇ ئېسىدە ئېنىق ساقلاپ، ئارىلاپ ئائىلىلەرگە كىرىپ ھال سورىدى؛ 2293 يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقى، 1261 دىيابېت كېسىلى ئاغرىقى بار بولۇپ، قايسى كۈنى كىم دورا سېتىۋالىدۇ، قايسى كۈنى كىم تەكشۈرتىدۇ، ئۇ ھەممىسىنى تەپسىلىي خاتىرىلىدى؛ 117 نەپەر ئېغىر، چوڭ كېسەل ئاغرىقى بار بولۇپ، ئۇ شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئۇلارنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتتى، داۋالاتتى، ئىككى ئايدا 20 مىڭ كىلومېتىردىن كۆپرەك يول يۈردى.

چىن قەلبىدىن قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى يۆلەش

2005 - يىلى ئىلمىرە داشۆنى پۈتكۈزۈپ، شەرەپلىك خەلق ساقچىسى بولدى. ساقچى بولغان ئون يىلدا، ئۇ باشتىن - ئاخىر ئاممىنى قەلبىگە پۈكتى، ئاممىمۇ ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئالاھىدە ئېتىراپ قىلدى.

خىزمەتكە قاتنىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئىلمىرە تەۋەلىك رايوندىكى قىيىنچىلىقى بار ئاھالە كېرەم بىلەن تونۇشتى. كېرەمنىڭ بېيىشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، ئىلمىرە ئۆزىنىڭ ئامانەت قويغان مائاشىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئون قوي ئېلىپ بەردى ھەم ئارىلاپ يوقلاپ تۇردى. 2008 - يىلى 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئېغىر ئاياغ ئىلمىرە كېرەمنى يوقلىغىلى بېرىپ، ئۇنىڭ بېشىنىڭ قىيىۋاتقانلىقى، پۈتۈن بەدىنىنىڭ ھالسىزلىنىپ كېتىۋاتقانلىقى، زۇكام دورىسى ئىچىپمۇ ياخشىلانمىغانلىقىنى بىلىپ، دەرھال ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتتى. دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق، كېرەمگە مېڭە تىقىلمىسى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى، قان نوكچىسىنى دەرھال ئېرىتىش كېرەك ئىدى، ئۇ ئىككىلەنمەيلا دەرھال 20 مىڭ يۈەن زاكالەت تاپشۇردى. كېرەم كۆز يېشى قىلىپ: «سىز مېنىڭ ئائىلەمنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بەردىڭىز، يەنە ھاياتىمنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭىز، سىز مېنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقىنىم» دېدى.

2016 - يىلىنىڭ بېشىدا، خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن، ئىلمىرە ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى يېزىسىغا كېلىپ خىزمەت قىلدى. ئاممىنىڭ ئالما، چىلانلىرىنىڭ سېتىلماي بېسىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سېتىش يوللىرىنى ئالاقىلەشتى. ئىككى ئايدىن كۆپرەك تىرىشىش ئارقىلىق، 6700 توننا ئالما پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يۈرۈپ كەتتى. ئىلمىرە دېھقانلارنى تاۋباۋ، دوۋيىن قاتارلىق سۇپىلارغا چىقىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى «سېتىش ئەلچىسى» بولدى. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئىگەرچى يېزىسىدىكى نۇرغۇن كەنت ۋاڭخۇڭ داكا جايغا ئايلاندى، ساياھەتچىلەر كەينى - كەينىدىن كېلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئىگەرچى يېزىسىدا ئۇ يەنە نۇرغۇن «تۇغقان» بىلەن تونۇشتى. «سالامەتلىكىم ئانچە ياخشى ئەمەس، ھەر قېتىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىسام، ئىلمىرەگە تېلېفون قىلىمەن، بۇ قىزىم بەك ياخشى» دېدى يېڭىباغ مەھەللىسىدىكى 67 ياشلىق ئاھالە ما گۇييىڭ.

ئەستايىدىل، قابىلىيەتلىكلەرنى ھەممە كىشى ماختايدۇ

«ئىلمىرە مۇدىرنىڭ ياردىمى بولمىسا، ئائىلىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك ياخشى كۈنلىرى نەدە تۇرۇپتۇ؟» لەڭگەر كوچا باشقارمىسىنىڭ ئاھالىسى ئەخمەت كېبىر ئۆزىنىڭ مېيىپ ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق تېخنىكا بىلمەيدىغانلىقىنى، يەنە بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جاننى باقىدىغانلىقىنى، تۇرمۇشىنىڭ ناھايىتى جاپالىق ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىلمىرە لەڭگەر كوچا باشقارمىسىدا خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ئەخمەت ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ ئەخمەتكە ياردەملىشىپ بىر قۇلۇپ ئېچىش دۇكىنى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنى شاگىرتلىققا ئورۇنلاشتۇردى. يېرىم يىل ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئەخمەتنىڭ تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلدى، ئىلمىرە يەنە ئۇنىڭ 80 مىڭ يۈەن قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىپ دۇكان ئېچىشىغا ياردەم بەردى. ھازىر، ئەخمەت ئايدا 7000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ، رەنىلىك قەرزگە يېڭى ئۆي سېتىۋالدى، يەنە پىكاپ سېتىۋالدى.

ئىلمىرە كوچا باشقارمىسىدىكى كادىرلارنى تەشكىللەپ بىر تەرەپتىن تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە زور كۈچ بىلەن يار - يۆلەك بولدى، كوچا باشقارمىسىدا كېسىمچىلىك، توكچىلىق، ئاپتوموبىل رېمونتچىلىقى قاتارلىق 26 كەسپىي ئۆگىنىش كۇرسى ۋە پىراكتىكا مەركىزى تەسىس قىلىپ، تەۋەلىكتىكى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنى پىراكتىكا ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. خەلقنى بېيىتىش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، پىيادىلەر كوچىسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قاتارلىق بەش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بەش كارخانا ۋە 91 يەككە سودا - سانائەتچىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، 843 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولدى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، لەڭگەر كوچا باشقارمىسى پائال تەشۋىق قىلىپ، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ توغرا كەسىپ تاللاش قارىشى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىپ، 13 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

ئىلمىرە «مېھىر - شەپقەت بانكىسى»، «مېھىر - شەپقەت تاللا بازىرى»نىڭ كوچا باشقارمىسىدىكى ھەرقايسى مەھەللىلەرگە ماكانلىشىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مەخسۇس ياردەم بېرىشىگە پائال تۈرتكە بولدى؛ پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى، ياشلار مۇلازىمەت ئەترىتى، ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتى ئەترىتى، ياشانغانلار قورۇ قوغداش ئەترىتىنى قۇرۇپ، كوچا باشقارمىسى پىدائىيلار مۇلازىمەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتى؛ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇردى، مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى «ئانارنىڭ دانىسى» بولۇشقا تىرىشتى.

«مەن كوچا باشقارمىمىزنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىنى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ نىشان ئۈچۈن بارلىق كۈچۈمنى بېغىشلاشنى خالايمەن» دېدى ئىلمىرە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ