تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سانى، سۈپىتى تەڭ ئۆستى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ گاڭ

بۇ يىل 11 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدا يەنە 19 مەنزىرە رايونى دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى 100دىن ئاشتى.

2015 - يىلى، شىنجاڭدا دۆلەت A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن ئاران 297سى بار ئىدى، ھالبۇكى بۇ يىلغا كەلگەندە، دۆلەت A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى 440قا يەتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يانداش ئەسلىھەلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت مۇھىتى بەرپا قىلىپ، A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش بىلەن سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى

بۇرچىن ناھىيە بازىرىغا جايلاشقان جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورت خاتىرە سارىيى رۇسچە ئۇسلۇبتىكى، ناھايىتى خاتىرىلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە ئەنئەنىۋى توپا - تاش قۇرۇلمىلىق ئىمارەت. سارايدا سۈرەت، ئەمەلىي بۇيۇملار ئارقىلىق 60 نەچچە يىللىق جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورت تارىخى نامايان قىلىنغان.

«مەن بۇ يەردە ھەر خىل تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆردۈم، ئۇلارغا بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە تارىخىي مەدەنىيىتى مۇجەسسەملەنگەن» دېدى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى شىئەنلىك ساياھەتچى ۋاڭ چىڭلەن.

2019 - يىلى، جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورت خاتىرە سارىيى، جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ قاتنىشى كونا پىرىستانى، لاۋفۇچياۋ خارابىسى، بۇرچىن جىنشەن بىلىم يۇرتى قاتارلىقلارنى ئاساسىي مەنزىرە نۇقتىسى قىلغان جۇڭگو - رۇسىيە كونا پىرىستان مەنزىرە كوچىسى مەنزىرە رايونى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلدى.

«مۇكەممەل ئەسلىھە، ئەلا مۇلازىمەت، كۆپ خىللاشقان ساياھەت مەھسۇلاتلىرى 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن ئىبارەت بۇ ماركىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇردى. 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ماركا، پۈتۈن ناھىيەنىڭ مەنزىرە رايونلىرى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆلچەم خادىسى» دېدى بۇرچىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋۇ لېي.

كۆز يەتكۈسىز قۇملۇق، بۈك - باراقسان بوستانلىق، بىپايان چۆللۈك... شىنجاڭ مول ساياھەت بايلىقىغا ئىگە.

ئىگىلىنىشىچە، 2018 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، تىيانشان بوغدا كۆلى، تۆمۈر چوققىسى، قاراجۈن، كۆندەلەڭ، بايىنبۇلاق دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى مەنزىرە رايونىنى يادرو قىلىپ، نارات، تاڭبالى، توغراسۇ، سايرام كۆلى قاتارلىق ئىستىراھەت مەنزىرە رايونلىرىنى تىرەك قىلىپ، بىر تۈركۈم خاس ساياھەت كەنت - بازارلىرىغا تۈرتكە بولۇپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، ئەۋزەللىكلەرنى مۇجەسسەملەپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى مول توپلانغان رايون، ساياھەت سەرخىل لىنىيەلىرى، ساياھەت كەسپى توپىنى بەرپا قىلىپ، تىيانشان مىراسلىرى دۆلەت ساياھەت مەنزىرە يوللىرىنى قۇرۇپ، تىيانشان كارىدورى دۇنيا مىراسلىرى ساياھەت كەسپى بەلبېغىنى بەرپا قىلغان. شىنجاڭ ساياھەت مەنزىلى سەرخىل توپى ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن.

ئەسلىھەلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ سۈپەت ئۆستۈرۈلدى

«بىر تۈركۈمنى بەرپا قىلىش، بىر تۈركۈمنى ئۆستۈرۈش، بىر تۈركۈمنى زاپاس ساقلاش، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش» پىرىنسىپى بويىچە، شىنجاڭ دۆلەت A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش سالمىقىنى زورايتتى.

يېقىملىق بۈركۈت نېيى ئاۋازى، ئۆزگىچە بۈركۈت ئۇسسۇلى، تاجىكلارنىڭ مەززىلىك تائاملىرى... 2014 - يىلى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى بولغان تاشقورغان، ئالتۇن سازلىق دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، ئالتە تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە سۇپىسى بولغان «رەڭدار بۇلۇت ئائىلىسى» مىللىي ئۆرپ - ئادەت كەنتىنى يادرو قىلغان 3.1 كىۋادرات كىلومېتىر كۆلەمدىكى پامىر ساياھەت رايونىدا 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشنى بېكىتتى.

پامىر ساياھەت رايونى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بېيىتىپ، نوقۇل مەنزىرە كۆرۈشنى «غىزالىنىش، قونۇش، يول يۈرۈش، ساياھەت قىلىش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» تولۇق قاپلىغان ساياھەتتىن ھۇزۇرلىنىش شەكلىگە ئۆستۈردى. 2019 - يىلى، پامىر ساياھەت رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ دۆلەت A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ۋە بازار تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى شەرت. شىنجاڭ يەنە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، يۇلتۇز دەرىجىلىك ساياھەت مېھمانسارايلىرى، ساياھەت كوپىراتىپلىرى ۋە ساياھەت يېتەكچىلىرىنى ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بويىچە مەخسۇس تەرتىپكە سېلىپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

قوغداش، ئېچىش تەڭ ئىلگىرى سۈرۈلدى

«بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ساپ، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ، قىشتىكى بوغدا كۆلى بەك گۈزەل ئىكەن!» دېدى بىر ساياھەتچى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تولىمۇ ھاياجانلانغان ھالدا.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدىكى چوڭ ئېكراندا مەنزىرە رايونىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئەلا ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ھاۋاسى ساپ تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە ئارامبەخش ئېتەتتى.

ساياھەتچىلەرنىڭ ھەقىقىي تەسىراتى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەنزىرە رايونىنى قوغداشقا ئۈزلۈكسىز مەبلەغ سالغانلىقىدىن كەلگەن.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، تىيانشان بوغدا كۆلى باشقۇرۇش كومىتېتى جەمئىي 500 مىليون يۈەن ئۆپچۆرىسىدە مەبلەغ سېلىپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداشقا ئىشلىتىپ، فېيلۇڭ جىلغىسىدا گېئولوگىيەلىك ئاپەتنى تۈزەش، تەبىئىي ئورمان بايلىقىنى قوغداش 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى، دەريا يولىنى تۈزەش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېڭىدىن 10 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلىپ، تەخمىنەن 5000 مو چېكىنگەن سۇلۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش كۆلىمىنى 477 مىڭ 900 موغا يەتكۈزۈپ، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش رايونىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ دۆلەت A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش داۋامىدا، ساياھەت رايونلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش، باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسى ۋە تەبىئىي ئېسىل مەنزىرىنىڭ مۇكەممەللىكىنى قوغداپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ فۇنكسىيەسىنى قوغداپ ھەم ياخشىلاپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

«سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق.» ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سالدى، مەنزىرە رايونلىرى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئاشتى؛ قاناس مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 568 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋالغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ مەنزىرە رايونى بولۇپ، ئۇدا نەچچە كۈن كۈتۈۋېلىش مىقدارى ئەڭ چوڭ كۆتۈرۈش مىقدارىنىڭ %75ىگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى