تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون تۇنجى تۈركۈمدە دېموكراتىيە - قانۇنچىللىق بويىچە 56 ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى(مەھەللە)گە نام بەردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئاپتونوم رايون تۇنجى تۈركۈمدە دېموكراتىيە - قانۇنچىللىق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى(مەھەللە)لىرىگە نام بېرىش، تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى، قورغاس ناھىيەسىنىڭ لۇسۇگۇڭ بازىرى سىگۇڭ كەنتى قاتارلىق 56 كەنت(مەھەللە) تىزىملىككە كىردى.

ئالتاي شەھىرىنىڭ بالباغاي يېزىسى كۆكەرتۇ كەنتىدە «بىر ئەھدىنامە، ئىككى يىغىن، ئۈچ ئۆمەك(كەنت قائىدىسى ئاھالىلەر ئەھدىنامىسى، پۇقرالار كېڭىشىش يىغىنى، يېزا ئاقىللىرى كېڭىشىش يىغىنى، تۈرلۈك ئىشلار مۇلازىمەت ئۆمىكى، قانۇن مۇلازىمەت ئۆمىكى، ئەخلاق باھالاش ئۆمىكى)» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يۇغۇرۇلغان ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ سانجى شەھىرىنىڭ ليۇگۇڭ بازىرى دۇڭۋۇگۇڭ كەنتى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەركىزى، ئەخلاق دەرسخانىسى، كەنت چوڭ كانىيى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش كۈنى ھەم قانۇننى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىگە بولغان قانۇنچىللىق تەربىيەسىنى ياخشى تۇتتى؛ ئاقسۇ شەھىرى ئىگەچى يېزىسى باغچى كەنتىنىڭ خەلق مۇرەسسە ئىشخانىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئامما ئۈچۈن قوشنىلار ئارىسىدىكى ماجىرالار، قەرز ماجىرالىرى قاتارلىق 200گە يېقىن مەسىلىنى مۇرەسسە قىلىپ بېرىپ، 56 قېتىم قانۇن ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىنىڭ «سىردىشى» «ياخشى ياردەمچىسى»گە ئايلاندى...

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «ئاپتونوم رايوننىڭ دېموكراتىيە - قانۇنچىللىق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى(مەھەللە)» بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قانۇنچىللىق قارىشى ۋە قانۇنچىللىق ساپاسىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ دېموكراتىيە - قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ قېتىمقى ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى تۈركۈمدە دېموكراتىيە - قانۇنچىللىق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى(مەھەللە)لىرىگە نام بېرىش، تەقدىرلەشنىڭ مەقسىتى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە - قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، كېڭەيتىپ، ئىلغار تىپلارنى تۇرغۇزۇپ، يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش.

يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ يېزا(مەھەللە)لارنى دېموكراتىيە - قانۇنچىللىق بويىچە 56 ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى(مەھەللە)دىن ئۆگىنىپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، دېموكراتىيە - قانۇنچىللىق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى(مەھەللە) بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا ياخشى قانۇنچىل مۇھىت يارىتىپ، تىنچ - ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا چاقىردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ