ئانار بۇلۇت خەۋىرى: ھازىر، قىشلىق باغ-ئورمانلارنى چاتاپ، ئاقارتىپ، كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، يېڭىسار ناھىيەسى ساغان بازىرى يۇقىرى لەڭگەر كەنتى بالدۇر ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بالدۇر ھەرىكەتكە كېلىپ، دېھقانلارنى كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چاتاش، ئاقارتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەپ، كېلەر يىلى باغ-ئورمانچىلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياخشى ئاساس سالدى.
يۇقىرى لەڭگەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەبەيدۇللا ئىسمايىل ئەتىگەندىلا ئائىلىسىنىڭ ئۆرۈكلۈك ئېتىزىغا كېلىپ، كەنت تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە 28 تۈپ ئۆرۈك دەرىخىنى چاتاپ، ئاقارتتى. بۇلتۇر پەرۋىش ياخشى بولغاچقا، ئۇ 10 تۈپ ئۆرۈك دەرىخىدىن ئىككى مىڭ يۈەن كىرىم قىلغانىدى، ئىككى كۈندىن بۇيان ئۇ ئۆرۈك دەرەخلىرىنى پۇتاش ۋە ئاقارتىشقا باشلىدى.
ئەبەيدۇللا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئېتىزدىكى ئۆرۈك دەرەخلىرىنىڭ ئارتۇق شاخلىرىنى كېسىۋەتتىم، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ ياخشى ئاقارتقىلى بولىدۇ، ئۆرۈكنىڭ مەھسۇلات مىقدارىمۇ يۇقىرى بولىدۇ».
كەنت ئاھالىسى خەيرىگۈل سادىق مۇنداق دېدى: «گەرچە ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن بىز بۇ يەردە بىرلىكتە باغلارنى تازىلاپ، ئاقارتتۇق، قەلبىم ئىللىپ كەتتى، ناھايىتى خۇشال بولدۇم، كېلەر يىلى ئۆرۈكلىرىمىزمۇ ياخشى ئۆسىدۇ، ياخشى باھادا ساتالايمىز».
كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابدۇنەبى راخمان مۇنداق دېدى: «ھازىر كەنتىمىزدە ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا، مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش ۋە ئاقارتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇۋاتىمىز، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت كېلەر يىلى ئۆرۈك ھوسۇلىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى ئۈچۈندۇر».
مەنبە: يېڭىسار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى