ئانار بۇلۇت: بۇ مەزگىلدە، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازار تەۋەلىك رايونىدا قىشلىق كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، تەربىيەلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى.
12-ئاينىڭ 1-كۈنى، كالا فېرمىسى يېزا ئىگىلىك 3-مەھەللە مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيىدە، تەربىيەلەش ئوقۇتقۇچىسى تەربىيەلەشكە قاتناشقان 29 ئاھالىگە تۈرلۈك جۇڭگوچە پېچىنە-پىرەنىك ياساش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ باردى. مۇئەللىم ئالدى بىلەن نەزەرىيەنى چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا جۇڭگوچە پېچىنە-پىرەنىك ياساش ئۇسۇلىنى ئۆگەتتى، يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش، مۇۋاپىق ماتېرىيال تەييارلاش، پېچىنە-پىرەنىك قاتارلىقلارنى كونكرېت چۈشەندۈردى. كۇرسانتلار چۈشەندۈرۈشنى، مۇھىم نۇقتىلارنى تەپسىلىي ئاڭلىدى، كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ماھارەتنى چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا ئاساس سالىمىز.
ئاھالە خۇ جىنيەن مۇنداق دېدى: «ئۆگىنىش جەريانىدا، مۇئەللىم ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈردى، ئۆگەنگەن نەرسىلىرىمىز ناھايىتى ئەتراپلىق بولدى، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بىزنىڭ يەنە ئەمەلىي مەشغۇلات دەرسىمىز بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش ھەقسىز، دۆلەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىگە ئالاھىدە رەھمەت».
ئاھالە ئەزىيلا جاسارەت مۇنداق دېدى: «كىنىشكىنى ئالغاندىن كېيىن، خىزمەت ئىزدىسەكمۇ، ناھىيە ياكى مەيداندا دۇكان ئاچساقمۇ، ئائىلىمىزدىكىلەرگە پېچىنە-پىرەنىك قىلىپ بەرسەكمۇ بولىدۇ، بۇ ناھايىتى ياخشى بولدى».
جۇڭگوچە پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشتە «نەزەرىيە + ئەمەلىيەت»تىن ئىبارەت تەربىيەلەش ئۇسۇلى قوللىنىلدى، بىرىنچى ھەپتىسىدە تەربىيەلەش ئوقۇتقۇچىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللاندى، ئىككىنچى ھەپتىسىدە ئەمەلىي مەشغۇلات باشلاندى.
تەربىيەلەش ئوقۇتقۇچىسى ما شۆپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ پېچىنە-پىرەنىك بويىچە تەربىيەلەش ۋاقتىمىز 45 كۈن، تۈنۈگۈندىن باشلاپ دەرس باشلاندى، مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ ئەمەلىي مەشغۇلات باسقۇچىنى باشلاپ، ئۆگىنىش-تەربىيەلەشكە قاتناشقىلى كەلگەن ھەربىر كۇرسانتنىڭ كەسپىي پېچىنە-پىرەنىك ياساش ماھارىتىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تىرىشىمىز».