تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر - بازارلىرىدا ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %20كە ئۆستۈرۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر - بازارلىرىدا ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش نىسبىتى 2015 - يىلىدىكى %12تىن ئۆسۈپ %20كە يەتكەن، مەركەزلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىدا سۇ ئېقىپ ئىسراپ بولۇپ كېتىش نىسبىتى 2018 - يىلىدىكى %11.5تىن تۆۋەنلەپ 2020 - يىلى %10 ئىچىگە چۈشۈپ، 2020 - يىللىق نىشان ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

شىنجاڭ قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، سۇ بايلىقى نىسبەتەن قىس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مەۋقەنى شەھەرلەرنىڭ جايلىشىش ئالاھىدىلىكىگە قويۇپ، سۇ تېجەش تىپىدىكى «كارخانا، ئورۇن، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى» بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، شەھەر - بازار ئاھالىلىرىگە سۇنى تېجەپ ئىشلىتىشنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئاممىنىڭ سۇنى تېجەپ ئىشلىتىشكە قاتنىشىش ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى؛ سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى چۆرىدەپ، شەھەر - بازارلاردىكى تۇرمۇش يۇندى سۈيى بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىنكى «يېرىم تازىلانغان سۇ»دىن قايتا پايدىلىنىشنىڭ سۇ بايلىقىنى تولۇقلاش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى؛ شەھەرلەردىكى كونا تۇرۇبا تورىنى ئۆزگەرتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شەھەرلەردىكى مەركەزلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىدا سۇ ئېقىپ ئىسراپ بولۇپ كېتىشنى ھەقىقىي تۆۋەنلەتتى.

تۇرۇبا تورىدا سۇ ئېقىپ ئىسراپ بولۇپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىلقى تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى سۇ، ئاتموسفېرا، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ھەم مەركەزنىڭ مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر مەمۇرىيىتى سۇ بىلەن تەمىنلەش كونا تۇرۇبا تورىنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتتى. سۇ تېجەش تىپىدىكى شەھەر بەرپا قىلىش جەھەتتە، ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورناتتى، ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش سالمىقىنى زورايتتى، سۇ تېجەش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى، سۇ تېجەش تىپىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتتى، شەھەرلەردە سۇ تېجەش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتتى.

ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك تۆت شەھەر ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت دەرىجىلىك سۇ تېجەش تىپىدىكى شەھەر بەرپا قىلدى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سۇ تېجەش تىپىدىكى شەھەر بەرپا قىلدى. تۆت شەھەردە سۇ تېجەش تىپىدىكى كارخانىدىن 44ى، سۇ تېجەش تىپىدىكى ئورۇندىن 87سى، سۇ تېجەش تىپىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىن 60ى بەرپا قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونىمىز سۇ تېجەش تىپىدىكى شەھەر بەرپا قىلىشنى تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «سۇ تېجەش تەشۋىقات ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، تور ۋە تور سىرتىدا ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش ھەرىكىتىنى مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، ئورگانلارغا كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، كارخانىلارغا كىرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سۇ تېجەش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، سۇ بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئەڭ زور چەكتە ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان سۇ ۋە شەھەر ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى