شىنخۇا تورى خەۋىرى: بۇ يىل، توققۇزتارا ناھىيەسى نانچىلىقنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تېخنىكىدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان نانچىلارنى تەربىيەلەشنى تېزلىتىپ، نانچىلىقنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان كەسىپكە ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ بېيىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولدى.
توققۇزتارا ناھىيەسى توققۇزتارا بازىرى ديېخۇ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى قەيسەر ئەنۋەر نانچىلىق كەسپىگە تايىنىپ ئوڭۇشلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ نېنىغا «تاش تەڭلە نېنى» تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇردى. 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، قەيسەر ئەنۋەرنىڭ ناۋايخانىسى ئېچىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، بىر تۈركۈم «سادىق مەستانىسى»نى كۈتۈۋالدى. بىردەمدىلا، يېڭى چىققان ناننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تالىشىپ سېتىۋېلىندى. قەيسەرنىڭ نان يېقىۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولدى، ھۈنىرى كامالەتكە يەتكەن، ئۇنىڭ نېنىنى تىلغا ئالسا، كۆپچىلىك باش بارمىقىنى چىقىرىدۇ. ئېزىز ھەبىبۇللا قەيسەر ئەنۋەرنىڭ ناۋايخانىسىنىڭ دائىملىق مېھمىنى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ تاش تەڭلە نېنى بەك يېيىشلىك، بىز كۈندە كېلىمىز، كۈندە بار، تېخى ئەرزان، قاراڭ، مەن بۈگۈن شۇنچە كۆپ نان سېتىۋالدىم.
بۈگۈنكى كۈندە، نان يېقىش قەيسەر ئەنۋەر ئائىلىسىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبەسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەرەققىي قىلماقچى بولغان بىر كەسپى بولۇپ قالدى. ناننىڭ سېتىلىش يوللىرىمۇ ئىلگىرىكى تارقاق سېتىشتىن ھازىرقى زاكاز بويىچە توپ سېتىشقا تەرەققىي قىلدى، ناۋايخانىدىكى نانلارمۇ ئىلىغا سېتىلدى، ھەتتا شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىمۇ دائىم زاكاز قىلىنىپ تۇردى. قەيسەر ئەنۋەر مۇنداق دېدى: نان يېقىۋاتقىلى 20 يىل بولدى، مېنىڭ ئىككى دۇكىنىم بار، 2016-يىلى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغان، سودىمىزمۇ ياخشى، بىر كۈندە 300 نان ياقىمىز، ناۋايخانىدا لاپىزى نان، سۈتلۈك نان، مايلىق نان، گۈلقەنت نېنى، ياڭاق نېنى، بادام نېنى بار، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكىلەر ياخشى كۆرىدىغان ناننىڭ ھەممىسى بار.
بۇنىڭدىن باشقا، ھازىر، قەيسەر ئەنۋەر يەنە ناۋايخانا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، پولو، چۆچۈرە، سۇيۇقئاش قاتارلىق چۈشلۈك تاماقنى ئېتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.
مەنبە: توققۇزتارا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى