تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

شىنجاڭ: كەلپىن ناھىيەسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى يېڭى تۈسكە كىردى

خەينەندىكى خولۇڭگو شىنجاڭغا ماكانلاشتى؟ شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۇرچى يېزىسى يۇرچى كەنتىدىكى شىليۇزى تيەنيۈەن دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پارنىكىدا، ئادەم بويى ئېگىزلىكىدىكى خولۇڭگونىڭ شاخلىرى مېۋە بىلەن تولغانىدى.

دېھقانلار شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسىدىكى شىليۇزى تيەنيۈەن دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى جىنگېبى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك باغچە رايونىدا يەرلىكتە ئۆستۈرۈلگەن خولۇڭگو ئۈزمەكتە (8-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). بۇ يىل، كەلپىن ناھىيەسى خولۇڭگو تېرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

(لى فېڭ فوتوسى)

«خولۇڭگو بىز دېھقانلارنىڭ بېيىش مېۋىسى». ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچى خادىمى دۇ شياۋيەن، خولۇڭگونىڭ ئۆستۈرۈلۈشىنىڭ ئاسانلىقىنى، باشقۇرۇلۇشىنىڭ ئاسانلىقىنى، سېلىنمىسىنىڭ تۆۋەن، ھاسىلاتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 2018- يىلى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بازارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن سىناق قىلىپ تېرىشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىر تەرەققىي قىلىپ 26 پارنىك، 10 مىڭ تۈپتىن ئاشتى. كوپىراتىپ ئەزاسى 45 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلە 39، نامرات ئائىلىلەرنىڭ يىللىق كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

كەنت ئاھالىسى مەمەت سىلام شىليۇزى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئۆگىنىپ، تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كۆكتات پارنىكىغا خولۇڭگو تىكىپ، مېۋىسى يېتىلگەندىن كېيىن ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ساتتى. «ئىلگىرى كۆكتات تېرىسام، بىر پارنىكتىن بىر يىلدا ئۈچ ـ تۆت مىڭ يۈەن كىرىم قىلاتتىم، ھازىر ئورنىغا خولوڭگو تېرىپ، ناھىيە بازىرىدىن چىقمايلا سېتىپ بولدۇم، مۇشۇ بىر تۈردىنلا بىر يىلدا ئاز دېگەندىمۇ 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمەن» دېدى مەمەت سىلام خۇشال ھالدا.

ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتى تېز، تۇرمۇش مۇھىتى ياخشىلاندى. ئاچال بازىرى بەخت كەنتىگە كىرگەندە، ئاسفالت يول كەڭ، تۈپتۈز بولۇپ، ئۆيلەر رەتلىك، چىرايلىق ئىدى، ھەممە ئائىلىنىڭ ئىشىك ئالدىغا قىپقىزىل دۆلەت بايرىقى ئېسىلغانىدى.

«ئىلگىرى ئۆزىمىزنىڭ ئۆيى يوق ئىدى، باشقىلارنىڭ كېسەك ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ تۇراتتۇق. ھازىر يېڭى ئۆيىمىزنىڭ كۆلىمى 75 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ھەقسىز كۆچۈپ كىردۇق». كەنت ئاھالىسى سالامەت بەردىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى ئۈزۈم بارىڭى، كىچىك كۆكتاتلىق، يان تەرىپى قالدۇرۇق يەر، كىچىك ئەگمە پارنىك، ئۆينىڭ كەينى قوتان بولۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى رەتلىك ئىدى. «ئىلگىرى قىشتا ئىسسىنىش ئۈچۈن كۆمۈر قالايتتۇق، ھازىر توك ئىشلىتىۋاتىمىز، ھەم ئىسسىق، ھەم پاكىز».

بەخت كەنتىنىڭ سابىق كەنت ياچېيكا شۇجىسى ئاينۇر مەمەت تونۇشتۇرۇشىچە، 2017-يىلى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ نامرات ئائىلىلەرنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ، بىر يېڭى كەنت — بەخت كەنتىنى قۇرۇپ، جەمئىي 488 كىشىنى كۆچۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، شۇ يىلى قۇرۇلۇپ، شۇ يىلى كۆچۈپ كىرگەنلىكىنى ئېيتتى. كەنت يەرنى ئوبوروت قىلىشقا تەشكىللەپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىر تۇتاش كېۋەز تېرىدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەزىلىرى يېقىن ئەتراپقا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، بەزىلىرى باشقا شەھەر، ناھىيەلەرگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، نۆۋەتتە جەمئىي 133 كىشى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ھەر بىر ئائىلىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 3000 يۈەندىن ئاشتى.

كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنقار ئايۇپ بەخت كەنتىگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر توقۇمىچىلىق كارخانىسىغا بېرىپ ئىشلىدى، بىر ئايدا 7000 يۈەندىن 8000 يۈەنگىچە مائاش ئالدى، «ياخشى ئۆيدە ئولتۇرالىدۇق، كىرىمىمىزمۇ ئاشتى».

«كۆچۈپ كېلىپ ئىككىنچى يىلىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇق». سالامەت بەردى ئاددىي ھېسابات قىلىپ مۇنداق دېدى: دۇكان ئىجارە ئېلىپ بىر يىلدا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدۇق، ئېرىم يېقىن ئەتراپتا ئىشلەمچىلىك قىلىپ بىر يىلدا 20 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلدى، 25 مو يەرنى ئوبوروت قىلىپ بىر يىلدا 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدۇق. «بەخت كەنتىگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن كۈنلىرىمىز ھەقىقەتەن بەك بەختلىك بولدى، بىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز!»

كەلپىن ناھىيەسىنىڭ 2013-يىلى ناھىيە بويىچە كىشى بېشى كىرىمى 6720 يۈەنگە يەتتى، 2019-يىلىغا كەلگەندە، ناھىيە بويىچە كىشى بېشى كىرىمى 11 مىڭ 185 يۈەنگە يەتتى. بۇ يىل 1-ئايدا، كەلپىن ناھىيەسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

(مۇخبىرنىڭ خىزمەت ئورنى: خەلق تورى، مۇخبىر خەن لىچۈن خەۋىرى)

شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ