تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

لوپ ناھىيەسى: ئۇزۇن يۇڭلۇق توشقان باقمىچىلىقى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

11-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خوتەن لوجيەن دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ لوپ ناھىيەسىنىڭ سامپۇل بازىرى بوستانكۆل كەنتىدىكى ئۇزۇن يۇڭلۇق توشقان باقمىچىلىق بازىسىدا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇزۇن يۇڭلۇق توشقاننىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر مەمەتئېلى ئەنۋەر خەۋىرى، فوتوسى): 2019-يىلى، لوپ ناھىيەسى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق، خوتەن لوجيەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى قۇردى ھەمدە سامپۇل بازىرى بوستانكۆل كەنتىدە باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇپ، ئۇزۇن يۇڭلۇق توشقان باقمىچىلىق تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇردى. نۆۋەتتە بۇ بازىدا توشقان كاتىكىدىن 30ى قۇرۇلۇپ، كاتەكتىكى ئۇزۇن يۇڭ توشقان 130 مىڭغا يەتتى؛ 74 كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

خوتەن لوجيەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ لوپ ناھىيەسىنىڭ سامپۇل بازىرى بوستانكۆل كەنتىدىكى ئۇزۇن يۇڭلۇق توشقان باقمىچىلىق بازىسىدا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇزۇن يۇڭلۇق توشقانغا يېمەكلىك بەرمەكتە.

ئۇزۇن يۇڭلۇق توشقان.

خىزمەتچى خادىم ئۇزۇن يۇڭلۇق توشقاننى كۆرسەتمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ