تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قىش پەسلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بۇ يەردە

  قىش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تېخىمۇ زور خىرىسقا دۇچ كەلدى. قىش پەسلىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى نېمە؟ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟ مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى مۇدىر ۋىراچى، تەتقىقاتچى نى مىڭجيەننى زىيارەت قىلدى.

  «قىشتا نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدۇ، قىشتا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش، يەنىلا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ ئەمەلىي ئۈنۈملۈك تەدبىر» دېدى نى مىڭجيەن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە ئاپتونوم رايوننىڭ كۈز ۋە قىش پەسلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى لايىھەسى ۋە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ۋاقتىدا بايقاش، تېز بىر تەرەپ قىلىش، دەل جايىدا باشقۇرۇش-تىزگىنلەش، ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش-داۋالاشتىن ئىبارەت دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەتتىكى مەزگىل بىلەن جەڭ مەزگىلىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش، دائىملىق يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھەرقايسى تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، «تۆت بالدۇر» تەدبىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق سورۇنلارنىڭ نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

  دوختۇرخانا، ئاممىۋى سورۇن، ئورۇنلار كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى چىڭىتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تۈزۈلمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، يىغىلىۋالماسلىق، شەخسىي مۇداپىئە قاتارلىق قائىدە-تۈزۈملەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خادىملارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىتنى قەرەللىك كۆزىتىپ ئۆلچەش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە «تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش» «مۇسبەت چىقسىلا جەزمەن مەلۇم قىلىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  نى مىڭجيەن مۇنداق دېدى: «بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. جايلار، تارماقلار ئالدىن سىگنال بېرىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى، ئالدىن تەكشۈرۈش ئايرىپ دىياگنوز قويۇش نۇقتىسى ۋە دورا دۇكىنى قاتارلىق كۆزىتىپ ئۆلچەش <قاراۋۇلخانىسى> جەڭ مەزگىلىدىكى ھالەتنى ساقلىشى كېرەك، ئادەتتىكى مەزگىل بىلەن جەڭ مەزگىلىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ۋە ئېنىقلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك».

  ئادەم زىچ توپلىشىدىغان مەيدان-سورۇن ۋە يۇقىرى خەتەرلىك ئىش ئورنىدا ئىشلەيدىغان خادىملارغا قارىتا شەخسىي مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ، خادىملارنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە نازارەت قىلىپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ۋاقتىدا بايقاش، تېز بىر تەرەپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ