تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى چارلاپ تەكشۈرۈش «ئۆتكۈر كۆز»ى ئورنىتىلدى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئېلېكتىر ئېنېرگىيە + بېيدوۋ» دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى چارلاپ تەكشۈرۈش «ئۆتكۈر كۆز»ى ئورنىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئېلېكتىر ئېنېرگىيە + بېيدوۋ» دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 126 بېيدوۋ يەر يۈزى كۈچەيتىش ئاساسىي پونكىتىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئېلېكتىر تورى 220 كىلوۋولتلۇق ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئاساسلىق تىرانسفورموتور پونكىتىنى قاپلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«ئېلېكتىر ئېنېرگىيە + بېيدوۋ» دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى ۋە يەر يۈزى كۈچەيتىش ئاساسىي پونكىتىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسىدا ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تېخنىكا ئارقىلىق تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلار بىرىكتۈرۈلگەن بولۇپ، بارلىق تېرمىناللارنى ئەمەلىي ۋاقىتتا زىيارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ئۇ، سىستېمىنىڭ «چوڭ مېڭىسى» ھېسابلىنىدۇ. يەر يۈزى كۈچەيتىش ئاساسىي پونكىتى بېيدوۋ ئورۇن مۇلازىمىتىنى يادرو قىلىپ، يۇقىرى ئېنىقلىقتا ئورۇن بەلگىلەش، يۇقىرى ئېنىقلىقتا ۋاقىتتىن خەۋەرلەندۈرۈش ۋە قىسقا خەۋەر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بۇ يىل، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى بېيدوۋ سىستېمىسىنى قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدا بېيدوۋ يەر يۈزى كۈچەيتىش ئاساسىي پونكىتىدىن 126نى قۇردى، ھەربىر پونكىت سىگنالىنىڭ قاپلاش دائىرىسى 50 كىلومېتىردىن ئاشتى، ۋاقىتتىن خەۋەرلەندۈرۈش ئېنىقلىق دەرىجىسى 20 نانو سېكۇنتقا يەتتى، ئورۇن بەلگىلەشتىكى ئېنىقلىقى، توغرىلىقلىقى «مىللىمېتىر دەرىجە»سىگە يەتتى.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى پەن - تېخنىكا ئالاقە تورى بۆلۈمى سانلىق مەلۇمات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ۋاڭ تيەنجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ سىستېمىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى چارلاپ تەكشۈرۈش خادىملىرىغا «ئۆتكۈر كۆز» ۋە «كۆزىتىش كۆزى» ئورنىتىپ قويغانغا ئوخشايدۇ، ناۋادا گېئولوگىيەلىك ئاپەت يۈزبەرسە، چارلاپ تەكشۈرۈش خادىملىرى نەق مەيدانغا بارمايلا تىرانسفورموتور پونكىتى، توك يەتكۈزۈش تۆمۈر مۇنارى قاتارلىق ئېلېكتىر تورى ئەسلىھەلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان - ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ، ھەتتا بىرنەچچە سانتىمېتىرلىق ئورۇن يۆتكىلىش ئۆزگىرىشىنىمۇ بايقىيالايدۇ.

نۆۋەتتە، ئېلېكتىر تورى ئەقىلىي ئىقتىدارلىق تىرانسفورموتور پونكىتىدىكى چارلاپ تەكشۈرىدىغان ماشىنا ئادەم، توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىدىكى چارلاپ تەكشۈرىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق يۇقىرى ئېنىقلىقتا ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمىتى قوللىنىلدى؛ ۋاقىتتىن خەۋەرلەندۈرۈش مۇلازىمىتى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ ھالىتىنى ئانالىز قىلىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىدىكى ۋاقىت تەرتىپىنى ماس قەدەملەشتۈرۈشتە قوللىنىلىپ، ئېلېكتىر تورى ئەسلىھەلىرىنىڭ ۋاقىت ئېنىقلىق دەرىجىسىنى دەقىقە دەرىجىسىدىن نانو سېكۇنت دەرىجىسىگە ئۆستۈردى؛ تور بىلەن قاپلانمىغان رايونلاردا، قوللىنىش سىستېمىسىنىڭ قىسقا خەۋەر مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئۇچۇر توپلاش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەۋەرلىشىش سىناق قىلىنىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ