شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 10-ئايدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىدىن 357سى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 398 كىشى بىر تەرەپ قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسىدىن 241ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك مەسىلىسىدىن 116سى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى؛ 312 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى، مەمۇرىي جازا بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك 18 كىشى، يېزا، بۆلۈم دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك 294 كىشى بار.
تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان 357 مەسىلىدىن قارىغاندا، ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماي، قىلىدىغاننى قىلماي، قالايمىقان ئىش قىلىپ، ساختا ئىش قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگىنى 219 بولۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %90.87ىنى ئىگىلىگەن؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا داڭلىق، قىممەت ئالاھىدە مەھسۇلات ۋە سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش-سوۋغا قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوشۇمچە پۇل، ياردەم تولۇقلىمىسى ياكى پاراۋانلىق تارقىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ-ئىچىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈردىكى مەسىلىدىن 101ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك مەسىلىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا %43.96، %19.82، %9.48ىنى ئىگىلىگەن.