تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش

− ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئورگانلارغا كىرىپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىغا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن يۈزتۇرا، چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇشقا پۇختا تۈرتكە بولدى.

11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەتقىقات ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ما جيەنخۇا بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا لېكسىيە دوكلاتى بەردى. ما جيەنخۇا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»نى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىلمىي، سىستېمىلىق، چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك قىلىپ شەرھلىدى، چۈشەندۈردى.

«ئومۇمىي يىغىندا يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى». بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ئويۇت مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يۆنىلىشنى ئۆزگەرتمەسلىك، سالماقنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى مەڭگۈ كۈرەش نىشانى قىلىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى بوشاشماي ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايمىز.

11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ كۇيرەن ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان، ئورۇنلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلارغا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى. ۋاڭ كۇيرەن باش تېمىنى چىڭ كۆزلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، پايدىلىق شارائىتى ۋە مۇھىم ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر تونۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، جانلىق مىساللار بىلەن، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈردى.

لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى كۇڭ لىڭجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك». ئۇ مۇنداق دېدى: قاتناش - تىرانسپورت خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قاتناش - تىرانسپورتىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى پائال ياخشى پىلانلاپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى شىنجاڭ سىناق نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قاتناش - تىرانسپورتنى شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى موتورىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ جيەنلۇڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىدە لېكسىيە دوكلاتى بېرىپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە نىشان تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئارقىدىن، ئۇ چۆچەك شەھىرىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى قارا دۆڭ كەنتىگە بېرىپ، شۇ جايدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن يۈزتۇرا سۆھبەتلەشتى، لېكسىيە سۆزلىدى.

«لېكسىيە دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مېنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىمەن، ياخشى تەشۋىق قىلىمەن، ياخشى ئىزچىللاشتۇرىمەن» دېدى قارادۆڭ كەنتىنىڭ كەنت كادىرى جياڭ يۈخۇي.

لېكسىيەلەرنىڭ تېمىسى ئېنىق، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، مۇپەسسەل، چوڭقۇر بولۇپ، نەق مەيداندىكى ئاڭلىغۇچىلارنى كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش دەپ بىلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى كاللىمىزغا، قەلبىمىزگە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىمىز.

(مۇخبىر رايىدە، قاتناشقان مۇخبىرلار سۇڭ ۋېيگو، جاڭ يەنفاڭ، بايىنغولىن ئوبلاستلىق مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ شياۋدۇڭ، تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋاڭ چۇنلىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ