تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2021- يىللىق كېڭىشىش پىلانى (لايىھە) قاراپ چىقىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى

2021- يىللىق كېڭىشىش پىلانى (لايىھە) قاراپ چىقىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 35 - قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىپ، 2021 - يىللىق كېڭىشىش پىلانى (لايىھە) قاتارلىقلارغا قاراپ چىقتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، كېڭىشىش مەزمۇنى ۋە شەكلىنى بېيىتىپ، ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، كېڭىشىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كېڭىشىش نەتىجىلىرىنى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇردى. كېلەر يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ باشلىنىش يىلى، كېڭىشىش پىلانى تۈزۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس تېمىدىكى ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ۋە ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىنىڭ قارالمىلىرىنى تاللاشتا، تېمىنى دەل جايىدا تاللاش، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مۇكەممەل، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، كېڭىشىش پىلانى(لايىھە)نى تېزدىن تۈزىتىپ ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كېڭىشىش خىزمىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى قىلىپ، بېرىلگەن مەسلىھەتنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كېڭىشىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى بىلەن، سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى 10 - ئاينىڭ بېشىدا كېڭىشىش قارالمىسى توپلاش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشلەر، ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى ھەم شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بۇنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى قىيىن نۇقتىلار ھەم جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتىكى قىزىق نۇقتىلارنى چۆرىدەپ، ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نۇقتىلىق كېڭىشىش قارالمىلىرىنى پائال ئوتتۇرىغا قويدى. 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە، سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى 2021 - يىللىق كېڭىشىش قارالمىسى تەكلىپىدىن جەمئىي 349نى تاپشۇرۇۋالدى، ئەستايىدىل رەتلەپ تاللاش ئارقىلىق، كۆرسىتىلىدىغان كېڭىشىش قارالمىسى تەكلىپى دەسلەپكى قەدەمدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئىزاھات بېرىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام سابىر يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ