تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتىپاقلىق

يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈر | ليۇ يۈخەن: «سىز مېنىڭ ئۆمۈرلۈك ياخشى دوستۇم»

  ليۇ يۈخەن (سولدا) گۈلقىز ئادىل بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. (ماتېرىيال سۈرەت، سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن)

  تىيانشان تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 27-كۈنى، كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئادەتتىكى سەيشەنبە ئىدى، لېكىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2 ـ ئوتتۇرا مەكتىپى جىنكې تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ 7 ـ يىللىق 2 ـ سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ليۇ يۈخەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك كۈن ئىدى. شۇ كۈنى، ليۇ يۈخەنگە 2020 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە «يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈر» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى.

  ليۇ يۈخەن شان ـ شەرەپ ئالدىدا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «كەلگۈسىدە، مەن ‹يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈر› دېگەن نامنى يەردە قويمايمەن، ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلارنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن ئوقۇغۇچى بولىمەن، چوڭ بولغاندىن كېيىن سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن».

  بۇ يىل 12 ياشقا كىرگەن ليۇ يۈخەن قارامايدا تۇغۇلغان. يەسلىگە بارغاندا، ئۇ ساۋاقدىشى گۈلقىز ئادىل بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالغان. ئىككىيلەننىڭ مىجەزى بىر ـ بىرىگە ماس كېلەتتى، ھەر ئىككىلىسى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى، ئالاقە جەريانىدا بارا ـ بارا يېقىنلىشىپ، دېيىشمەيدىغان گېپى يوق «ئاچا ـ سىڭىل گۈللەر»گە ئايلانغانىدى. ئىككى ئائىلىدىكى چوڭلارمۇ خۇددى ئۇرۇق ـ تۇغقانلاردەك ئۆتۈشۈپ، ھېيت ـ بايراملاردا ئۆزئارا يوقلىشىپ، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۆزئارا ھەمدەم بولاتتى. 2019 ـ يىلى، ليۇ يۈخەنگە ئاپتونوم رايون بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئون ياخشى ئۆسمۈر» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى.

   تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ليۇ يۈخەن گۈلقىز ئادىل بىلەن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئوخشاش بولمىغان مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇدى — ليۇ يۈخەن بىڭتۇەن 2 ـ ئوتتۇرا مەكتىپى جىنكې تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇدى، گۈلقىز ئادىل قاراماي 5 ـ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇدى. ئايرىلغاندىن كېيىن، ئىككىيلەن ئارىلىق سەۋەبلىك يىراقلىشىپ كەتمەي، يەنىلا تېلېفون ئۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق قارشى تەرەپكە كۆڭۈل بۆلدى.

  بۇ بىر جۈپ قېرىنداشلارچە «ئاچا-سىڭىل گۈللەر» ئوخشاش قىزىقىشقا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل. باشلانغۇچ مەكتەپ مەزگىلىدە، ليۇ يۈخەن ئاپىسى بىلەن دوستلىرىنىڭ بىر قېتىملىق سۆھبىتىدىن ليۇ يۈخەننىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا ئىلگىرى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان بىر جۈپ ياشانغان ئەر-خوتۇننىڭ بارلىقىنى، بوۋاي بىلەن موماي ياشىنىپ قالغان بولۇپ، بوۋاينىڭ بەل سۆڭىكى يېرىلىپ كەتكەنلىكتىن كارىۋاتتىن چۈشەلمەيدىغانلىقىنى، پەرزەنتلىرى يېنىدا يوق بولغاچقا ئۆيىدىكى كۈندىلىك ئىشلارنى ئادەتتە موماينىڭ ئۆزى يالغۇز بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدى.

  ليۇ يۈخەن ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى ياشانغان كىشىنى يوقلاش ئويىغا كەلدى. ئۇ بۇ ئويىنى گۈلقىز ئادىل بىلەن دېيىشكەندىن كېيىن، ئىككىسى تېزلا پۈتۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ بىر جۈپ «ئاچا-سىڭىل گۈللەر» ۋاقتى بولسىلا بوۋاي-مومايلارنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەردى. كۈنلەر ئۇزارغانسېرى، ئۇلار بىلەن ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ ھېسسىياتى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. بوۋاي دائىم ئۇلارغا ئەينى يىللىرى سەپداشلىرى بىلەن ۋەتەن ئۈچۈن ئىسسىق قان تۆكۈپ، ياشلىق باھارىنى تەقدىم قىلغان ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى، ئۇلار دائىم تەسىرلەنگەنلىكىدىن كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالاتتى. ليۇ يۈخەن بىلەن گۈلقىز ئادىل چوڭ بولغاندىن كېيىن چوقۇم ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، خۇددى بوۋاي ۋە مومايغا ئوخشاش سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن ياشلىق باھارىنى بېغىشلاشنى پۈتۈشتى.

 مۇشۇنداق ئوخشاش قىزىقىش، ئوخشاش پەزىلەت ۋە ئوخشاش ئېتىقاد بولغاچقىلا، ليۇ يۈخەن بىلەن گۈلقىز ئادىلنىڭ دوستلۇقى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىككىيلەن ناھايىتى ئاز جەم بولغان بولسىمۇ، ئەمما قەلبى باشتىن ـ ئاخىر چەمبەرچاس باغلانغان. ئۇلار ۋاقتى چىقسىلا بىر-بىرىنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشىنى سىن ئارقىلىق ئورتاقلىشىدۇ، بىر-بىرىگە ئىلھام بېرىدۇ، ئورتاق ئالغا باسىدۇ.

  «مەن گۈلقىز ئادىل بىلەن بىر ئۆمۈر ياخشى ئاچا-سىڭىل بولىمەن. بىز داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن كۆڭۈلدىكىدەك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتۈشنى قولغا كەلتۈرىمىز. بىز ئاللىبۇرۇن كېلىشىپ قويدۇق، يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەندە چوقۇم تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ئادەمگە ئايلىنىمىز» دېدى ليۇ يۈخەن گۈزەل كەلگۈسىگە تەلپۈنگەن ھالدا. (ۋاڭ دۇڭرى)

  «学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ