خېڭياڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر ئوۋ چىلىن شىنجاڭغا كېلىپ يەتتە ئايدا مىڭدىن ئارتۇق ئوپېراتسىيەنى تاماملىدى.
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ليۇ خۇيلىڭ، ۋاڭ جىڭ خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتە، تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر 3-بۆلۈمى نەيچە كىرگۈزۈش ئۆيىدە، خېڭياڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر، نەنخۇا شۆبە 2-دوختۇرخانىسى يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئوۋ چىلىن پىچان ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر 3-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يۆ يۇڭيۆ، دوختۇر ليۇ خەيباڭ، جاڭ تيەنفېي قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، CTO (تاجسىمان ئارتېرىيە سوزۇلما خاراكتېرلىك پۈتۈنلەي توسۇلۇپ قېلىش) مىكرو زەخمە ۋاسىتىلىك داۋالاش ئوپېراتسىيەسىدىن بىرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، بۇ ئوۋ چىلىن شۇ كۈنى تاماملىغان ئۈچىنچى قېتىملىق ئوپىراتسىيە. شۇنداقلا ئۇ بۇ يىل شىنجاڭغا كەلگەن يەتتە ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا تاماملىغان 1014-قېتىملىق ئوپېراتسىيە. ھازىر، ئاغرىقنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولماقتا.
ئوۋ چىلىن چوڭ ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ۋە يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە 20 يىلغا يېقىن خىزمەت قىلغان بولۇپ، تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنى ۋاسىتىلىك داۋالاش ۋە يۈرەك قان تومۇر خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاشقا ماھىر. پىچاندا يېمەك-ئىچمەك، رايون ۋە ھاۋا كىلىماتى سەۋەبىدىن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى تاجسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاستا خاراكتېرلىك پۈتۈنلەي توسۇلۇش كېسەللىك ئۆزگىرىشى (CTO) بولۇپ، توسۇلۇش ۋاقتى ئۇزۇن، كېسەللىك ئۆزگىرىشى يەنە ئالاھىدە ئورۇندا بولغاچقا، داۋالاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ، خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى ئىدى.
يۆ يۇڭيۆ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «CTO ئوپېراتسىيەسى مۇرەككەپ، خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى، ئوپېراتسىيە ۋاقتى ئۇزۇن. ئىلگىرى بىز بۇ ساھەگە كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايتتۇق، ئاغرىقلار ئاساسىي جەھەتتىن باشقا جايغا يۆتكىلىپ داۋالىناتتى. ئوۋ چىلىن دوختۇر كەلگەندىن كېيىن، قولمۇقول ئۆگەتتى، بۆلۈمدىكى دوختۇرلارنىڭ ئىلگىرىلىشىمۇ ناھايىتى تېز بولدى، ھازىر ئاغرىقلارنىڭ باشقا جايغا يۆتكىلىپ داۋالىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق، <ئىشىك ئالدىدىكى> دوختۇرخانىدا داۋالىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى».