تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كىچىك قىزىل مېۋە ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلىنىپ چوڭ كەسىپكە «ئۆزگەردى»

  ئانار بۇلۇت: ئالقات جىڭ ناھىيەسىنىڭ خاس ئەۋزەللىككە ئىگە يېتەكچى كەسپى بولۇپ، جىڭ ناھىيەسىنىڭ «قىزىل ئىسىم كارتىسى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىڭ ناھىيەسى ئالقات كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش، ئالقات قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئالقات كەسپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا باشلىدى.

  11-ئاينىڭ 22-كۈنى، جىڭ ناھىيەسى چىرۈي بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئالقات پىۋىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى، سېختىكى ئىشچىلار ئۆز ئىش ئورۇنلىرىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ بىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «10-ئاينىڭ 16-كۈنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن 2020-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، بىزنىڭ ئالقات مەھسۇلاتلىرىمىز بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ ۋە چاڭجياڭ دېلتىسى بازىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئاچتى. يېقىندا، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە 1500 پىۋا ماڭدۇرۇلدى، ئىشچىلار ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.»

  جىڭ ناھىيەسى چىرۈي بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاساسلىقى ئالقات مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، مەھسۇلاتى ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلىدۇ، 2019-يىلى شىركەتنىڭ ئالقات مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش قىممىتى 25 مىليون يۈەندىن ئاشتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇ شىركەت 5 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، پىۋا ئېچىتىدىغان بىر يۈرۈش ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزدى ھەم ئالقات پىۋىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  «ئىلگىرى ئاساسلىقى ئالقات قۇرۇق مېۋىسى ساتاتتۇق، تېخنىكا تەركىبى تۆۋەن بولۇپ، ئالقات كەسپىگە تۈرتكە بولۇش رولى چوڭ ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، شىركەت ئالقاتنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئالقات كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق، ئالقات ئىنچىكە پىششىقلاش مەھسۇلات تۈرلىرىنى بېيىتىپ، جىڭ ئالقىتىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. نۆۋەتتە، ئالقات پىۋىسىدىن باشقا، شىركەت يەنە ئالقات بوتقىسى، ئالقات ئىچىملىكى قاتارلىق كۆپ خىل ئالقات پىششىقلاپ ئىشلەش مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سالدى.» دېدى جاڭ بىڭ.

  ئالقات ئىنچىكە پىششىقلاش مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كەسكىن رىقابەت بازىرىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، جىڭ ناھىيەلىك چىرۈي بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يەنە تېخنىكا خادىملىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تيەنجىن، چىڭداۋ، جىنەن، جاڭجياگاڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئېچىتىش تېخنىكىسى ۋە كونسېرۋا ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە قەرەللىك تەشكىللىدى.

  جاڭ بىڭ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى مەزگىلدە، بىز تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ كارخانىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا قاتنىشىمىز، مەسىلەن، ئالقات جىگەر ئاسراش تابلىتى، كۆز روشەنلەشتۈرۈش تابلىتى، يەنە كۆپ قەنتنى ئېلىش ۋە سىئانىدىن ئېلىش قاتارلىق مەھسۇلاتلار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپ خىللاشقان بازار ئېھتىياجىغا قارىتا، يەنە بىر ئەينەك بوتۇلكىلىق كونسېرۋا قاچىلاش لىنىيەسىنى كۆپەيتىشنى پىلانلاپ، ئالقاتنى ئىنچىكە پىششىقلاش مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى كېڭەيتىپ، جىڭ ئالقات كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.»

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىڭ ناھىيەسى ئالقاتنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسپىنى يۆلەشنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئالقات كەسپىنىڭ سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، جىڭ ئالقېتىنىڭ يىللىق قۇرۇق مېۋە مەھسۇلات مىقدارى 15 مىڭ توننىغا، يىللىق پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ئالقات ھۆل مېۋىسىدىن 32 مىڭ توننىغا يەتتى، ئالقات مەھسۇلاتلىرى قۇرۇق مېۋىدىن ئالقات پىۋىسى، ئالقات قويۇقلاشتۇرۇلغان شەربىتى، ئالقات ئىچىملىكى، ئالقات كاپسۇلى قاتارلىق 14 خىل مەھسۇلاتقا كېڭەيدى ھەم 23 داڭلىق ماركا ياراتتى، بۇنىڭ بىلەن جىڭ ئالقېتىنىڭ «قىزىل ئىسىم كارتىسى» تېخىمۇ جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولدى.

(جىڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، ۋاڭ يەن، گۇ جيەنلېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ