تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

ئاقسۇ ئالمىسىنىڭ ھەقىقىي ئەسلى ئىشلەپچىقىرىلغان جايىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئاپتوموبىللار يولغا چىقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ رايون ئاممىۋى ماركا تەسىر كۈچى كېڭەيتىلدى

ئاقسۇ سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسىپلەر باغچىسى ئېلېكترونلۇق سودا تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروت ئايرىش مەركىزىدە، ئاقسۇ «بىڭتاڭشىن» ئالمىسى قاچىلانغان ئالتە يۈك ئاپتوموبىلى يولغا چىقىشقا تەييارلانماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلار رېن چۇنخۇا، ياڭ شو، ئىختىيارىي مۇخبىر ياۋ رۇڭ خەۋىرى، فوتوسى): 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ئالمىسىنىڭ ھەقىقىي ئەسلى ئىشلەپچىقىرىلغان جايىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئاپتوموبىل يولغا چىقىش مۇراسىمى ھەم ئاقسۇ باشقۇرغۇچى تەرەپ بايراقدار دۇكىنىنى قوزغىتىش مۇراسىمى ئاقسۇ ئالىي مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، خاڭجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئىستېمالچىلارنى ئاقسۇ ئالمىسىنى چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، ئاقسۇ ئالمىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى رايون ئاممىۋى ماركا تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش، ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئۈستۈنلۈكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقە تورىدىكى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، قىسقا سىن ۋېيبوسىدا سېتىش قاتارلىق يېڭى سېتىش شەكلى ئارقىلىق ئاقسۇنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازارغا كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاقسۇ ئالمىسىنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بەلگە خادىسىغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

  تيەنماۋ يېمەكلىك خام، يېڭى كەسىپلەر بەلبېغى تىجارىتىنىڭ باش نازارەتچىسى لېڭ خەيجىڭنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇيان، تيەنماۋ سۇپىسى ئارقىلىق، ئاقسۇ ئالمىسىنىڭ جەمئئىي سېتىش سوممىسى 7 مىليون 600 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، خاڭجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن بىرلىكتە، ئاقسۇ ئالمىسىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدىكى ئەۋزەللىكىگە تولۇق تايىنىپ، تيەنماۋ ئالاقە تورىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرتەرەپلىمە بىرىكتۈرۈپ، بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، ئاقسۇنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازارغا سېلىنىش يوللىرىنى ئورتاق كېڭەيتىپ، «ئاقسۇ ئالمىسى» ماركىسىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇتىدىكەن.

  ئاقسۇ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، خاڭجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى يۈەن جيەنچياڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، خاڭجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى 8 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېلېكترونلۇق سودا كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە «10 شەھەر، 100 دۇكان» قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ئاقسۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن ئالى بابانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىشىغا تۈرتكە بولغان. كېيىنكى قەدەمدە، خاڭجوۋ شەھىرىنىڭ بازار ئەۋزەللىكى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، شەھەر دەرىجىلىك تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توردا، تور سىرتىدا ھەمكارلىشىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، ئىستېمال ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، بازار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئاقسۇنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلرىنىڭ كۆلەم ئەۋزەللىكى ۋە سۈپەت ئەۋزەللىكىنى بازار ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەلرايى قۇرۇلۇشى، ئىتتىپاقلىق قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرىدىكەن.

  باشلىنىش مۇراسىمىدا، ئاقسۇ شەھىرى، خاڭجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى، ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ ۋەكىللىرى بىرلىكتە ھەقىقىي ئەسلى ئىشلەپچىقىرىلغان جاي ھەمكارلىقىنى باشلاش يوپۇقىنى ئېچىپ، ئاقسۇ «بىڭتاڭشىن» ئالمىسى قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمىغا يىراق مۇساپىلىك قاتنىشىپ، ئاقسۇ باشقۇرغۇچى تەرەپ بايراقدار دۇكىنىنىڭ قوزغىتىش كۇنۇپكىسىنى باستى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ