ئانار بۇلۇت: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، غۇلجا ناھىيەسى يېڭىتام دولان تەۋەلىك رايونى شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە زور كۈچ بىلەن نان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، نان ئىشلەپچىقىرىش سېخى بەرپا قىلىپ، تەۋەلىك رايوندىكى دېھقانلارنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇردى.
دولان تەۋەلىك رايونىدىكى نان ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، تىيىپجان تۇرغۇن ئىزچىل نان يېقىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۈگۈن توققۇزتارا ناھىيەسىدىن كەلگەن 1000 نان زاكاز تالونى بار، شۇڭا ئۇ چۈشتىن بۇرۇن بۇ زاكازنى تۈگىتىپ، چۈشتىن كېيىن بۇ 1000 ناننى توققۇزتارا ناھىيەسىگە ئاپىرىپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشتى. تىيىپجان تۇرغۇننىڭ 15 يىللىق ناۋايچىلىق تەجرىبىسى بار بولۇپ، بۇ يەرگە كېلىشتىن ئىلگىرى، بىرلا تونۇر ناۋايخانىسى بار ئىدى ھەمدە كىرىمىمۇ چەكلىك ئىدى. ھازىر، ئۇنىڭ نان ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا تۆت تونۇر بار، ھەر كۈنى ئىشلەپچىقارغان نانلىرىنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولاتتى. ئۇنىڭ سودىسى كېڭىيىپ، كىرىمى كۆپەيدى، ئۆزىمۇ بۇنىڭدىن خۇشال بولدى.
تىيىپجان تۇرغۇن مۇنداق دېدى: «تۆت تونۇردا بىر كۈندە 2000 ئەتراپىدا نان ياقىمىز، ھەممىسى سېتىلىپ بولىدۇ. سودا ياخشى بولسا، يەنە ئىككى ئۈچ تونۇر كۆپەيتىپ، كۆپرەك ئادەم قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىپ، كۆپرەك پۇل تاپقىلى بولىدۇ.»
غۇلجا ناھىيەسى يېڭىتام دولان تەۋەلىك رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قۇربانجان ئابلىتىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر بۇ يەردە جەمئىي ئالتە تونۇر بار، بىر كۈندە تەخمىنەن 2000دىن ئارتۇق نان يېقىلىدۇ، بۇ نانلار يەرلىكتە ۋە غۇلجا شەھىرى، توققۇزتارا ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسىدە سېتىلىدۇ. ھازىر بىزنىڭ بۇ جاي يەرلىكتىكى 11 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، بىز سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، پۇقرالارنى بۇ يەردە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز.»
(غۇلجا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، ۋاڭ زىشۈەن)