تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلىكتە 2020- يىللىق «ئەڭ گۈزەل ئىشچى - خىزمەتچى»لەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار فەن شى، ليۇ شياسۈن) پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش، كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان نىشان - ۋەزىپىلىرى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلغان پەيتتە، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پۈتۈن جەمئىيەتكە 2020 - يىللىق «ئەڭ گۈزەل ئىشچى - خىزمەتچى»لەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى.

سۈن زېجوۋ، بەي يۈجىڭ، ليۇ لى، ۋاڭ شۇچۈن، ليۇ شۇاڭيەن، خۇ خۇڭۋېي، شيۇڭ گۇيلىن، پەن سۇڭمىڭ، جاۋ شىنلۇ، پاشاگۈل كېرەم قاتارلىق ئون كىشى 2020 - يىلى يېڭىدىن سايلانغان مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋە ئىلغار خىزمەتچى. ئۇلار ئۇزاق مۇددەت ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى، بەزىلىرى ئاي شارى ۋە كائىنات بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ساھەسىدىكى تەتقىقات ۋە قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتىگە كۈچ چىقاردى؛ بەزىلىرى «مەن بىرەيلەن مەينەت بولسام مەيلىكى، مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئائىلىلەر بەختلىك بولسۇن» دەپ سۇ بىلەن تەمىنلەش - سۇ چىقىرىش خىزمىتىگە ئۈن - تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلىدى؛ بەزىلىرى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە نېفىت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى؛ بەزىلىرى «شېنجوۋ»، «تيەنگۇڭ»، «تيەنجوۋ» ئۇچقۇلىرىنىڭ بوشلۇقتا ئۇچرىشىشىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا كۈچ قوشتى؛ بەزىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېزىلاردا يىلتىز تارتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى؛ بەزىلىرى يۇقۇم ئالدىدا قىلچە چېكىنمەي، لېيشېنشەن، خوشېنشەن دوختۇرخانىلىرىنىڭ توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى؛ بەزىلىرى خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، يۇقۇم مەزگىلىدە چەت، يىراق يېزا - كەنتلەرگە «مېھىر- شەپقەت پوچتا يولى»نى ئاچتى؛ بەزىلىرى «داشقال» تاۋلاشتىن قىممەتلىك مېتاللارنى ئېلىشنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلدى؛ بەزىلىرى تىبەت بۆكىنىنى قوغداش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچنى زىممىسىگە ئالدى؛ بەزىلىرى يۇرتداشلارنى ئورتاق بېيىشقا يېتەكلىدى... ئۇلار مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاددىي ئىش ئورنىدا قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ، تىرىشىپ بىلىم تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئەمگەكچىلەردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ يۈكسەك، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل دەيدىغان دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ دەۋر خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ توپلاپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىدىن ئۆگىنىدىغان، تىرىشىپ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىدىن بولىدىغان قويۇق كەيپىياتنى ياراتتى.

ئېلان قىلىش مۇراسىمى مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا «ئەڭ گۈزەل ئىشچى - خىزمەتچى»لەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى توغرىسىدىكى سىن قىسقا فىلىمى قويۇلدى، فىلىمدە ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش تەسىراتلىرى ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىن زىيارەت قىلىنىپ بايان قىلىنغان. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئۇلارغا «ئەڭ گۈزەل ئىشچى - خىزمەتچى» گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ