تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تىرىشىپ كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە تۆھپە قوشايلى

− 2020-يىللىق مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر تەشەببۇسنامىسى

پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرساھە، ھەركەسىپتىكى يولداشلار:

بۈگۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن داغدۇغىلىق يىغىن ئېچىپ، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلىدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملاندۇق، تولىمۇ ھاياجانلاندۇق. بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل. 2021-يىلىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز «14-بەش يىل» مەزگىلىگە كىرىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر، زور، بۇرچى شەرەپلىك. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز تۆۋەندىكى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدۇق:

بىرىنچى، سىياسىي مەيداننى چىڭىتىپ، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان باشلامچىلاردىن بولايلى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇستەھكەم تايانچ كۈچى، قۇدرەتلىك قوللاش كۈچى، چوڭقۇر جەمئىيەت ئاساسىغا ئايلىنايلى.

ئىككىنچى، تارىخىي بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، تىرىشىپ يېڭى تۆھپە قوشۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىدىغان ئاساسىي قوشۇن بەرپا قىلايلى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش دەۋر تېمىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، باش قەھرىمانلىق قىياپەت بىلەن ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ يۈكسەك، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل دەيدىغان ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، غەيرىتىمىزنى ساقلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ «14-بەش يىل»دا تۆھپە قوشۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ يېڭى مۇساپىنى باشلايلى.

ئۈچىنچى، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ ماھارىتى يۇقىرى، ئىقتىدارى كۈچلۈك كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولايلى. پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ يېڭى تەلىپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشكە پائال قاتنىشىپ، يېڭى پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە كەسپىي تېخنىكا بىلىملىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا شۇ كەسىپنى سۆيۈش، قايسى كەسىپنى تەتقىق قىلسا شۇ كەسىپنىڭ ئەھلى بولۇش، تىرىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق بىلىمىنى ئاشۇرۇپ، جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق تېخنىكىدا پىشىپ يېتىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تىرىشىپ بىلىم تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئەمگەكچىلەرگە ئايلىنايلى.

تۆتىنچى، شەرەپلىك ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولايلى. يۇقۇم قاتارلىق تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىز، ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئومۇمىيەتنى تونۇپ، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى قەتئىي قوغداپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغدايلى.

ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا، ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەندىلا، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېغىر ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى سەھىپە پۈتۈپ، تىرىشىپ يېڭى نەتىجە يارىتايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 24-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ