تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر شۆ يۈنشاۋ): مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 19-كۈنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئوبلاست بويىچە نامراتلارنى يۆلەش سىستېمىسى «تولۇقلىما ئورنىغا مۇكاپات بېرىش»نى پائال ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغان ھەمدە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشنىڭ ھامان ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىگە تايىنىپ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن.
11-ئاينىڭ 10-كۈنى، چەرچەن ناھىيەسى قوراملىق يېزىسى ئاقيار كەنتىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھويلا-ئارانلارنى تۈزەش بويىچە چوڭ باھالاش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، كەنت ئاھالىسى نىزام رەجەپ بۇ پائالىيەتتە «گۈزەل ھويلا-ئاران بەرپا قىلىش بوۇيىچە ئۈلگىلىك ئائىلە» بولۇپ باھالاندى ھەمدە 800 يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى. نىزام مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ھويلامدا كېرەكسىز نەرسىلەر كۆپ ئىدى، قالايمىقان دۆۋىلىنىپ تۇراتتى، كېيىن نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە، ناھىيەنىڭ بىر تۇتاش ئۆلچىمى بويىچە، ھويلامنى «تۆت رايونغا ئايرىپ» چىقتىم. بىر يىلدىن بۇيان، مەن كۆكتات تېرىش، توخۇ، ئۆردەك بېقىش ئارقىلىق كىرىمىمنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە مۇكاپات پۇلىغىمۇ ئېرىشتىم».
مۇخبىرنىڭ چەرچەن ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ناھىيە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ «تولۇقلىما ئورنىغا مۇكاپات بېرىش» سىياسىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھويلا-ئارانلاردا ئون تۈپتىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك ئۈزۈم ئۆستۈرگەن ھەمدە ئەي بولۇش نىسبىتىنى %80تىن ئاشۇرۇپ، ھەربىر ئائىلىگە 100 يۈەندىن مۇكاپات تولۇقلىمىسى تارقىتىپ بەرگەن؛ ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى ئائىلىسى 20دىن ئاشقان، ھەربىر ئائىلىگە 300 يۈەن مۇكاپات-تولۇقلىمىسى بەرگەن...
بايىنغولىن ئوبلاستلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2018-يىلى 5-ئايدا، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتە «تولۇقلىما ئورنىغا مۇكاپات بېرىش» سىياسىتى رەسمىي يولغا قويۇلغان، بۇ سىياسەتتە باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق، ھويلا-ئاران ئىگىلىكى، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بەش جەھەتتە مۇكاپاتلاش، تولۇقلىما بېرىش شەرتى ۋە ئۆلچىمى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، مەبلەغ مۇكاپاتى ئارقىلىق نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش قىزغىنلىقى قوزغىتىلغان. 2018-يىلىدىن بۇيان، ئوبلاست بويىچە جەمئىي ئەمەلىيلەشكەن «تولۇقلىما ئورنىغا مۇكاپات بېرىش» مەبلىغى 15 مىليون 296 مىڭ 500 يۈەنگە يەتكەن.