تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خۇبېي يىچاڭ: سەنشيا سۇ ئامبىرى رايونىدا لەيلىمە قالدۇقلارنى تازىلاش جېڭى باشلاندى

   خەلق تورى خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، لەيلىمە قالدۇقلارنى تازىلاش ئىشچىلىرى خۇبىي ئۆلكىسى يىچاڭ شەھىرى زىگۈي ناھىيەسى ماۋپىڭ بازىرىدىكى شۈجياچۇڭ قولتۇقىدا سۇدىكى لەيلىمە قالدۇقلارنى تازىلىماقتا. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جۇڭگو چاڭجياڭ سەنشيا گۇرۇھى شىركىتى بىلەن زىگۈي مۇھىت ئاسراش تارمىقى 100دىن ئارتۇق ئىشچىنى تەشكىللەپ، 20دىن ئارتۇق ماشىنىلاشقان لەيلىمە قالدۇقلارنى تازىلاش كېمىسى بىلەن سۈنئىي مەشغۇلات پاراخوتىنى ئىشقا سالدى، ماشىنا بىلەن ئادەم كۈچىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى سەنشيا سۇ ئامبىرى رايونىنىڭ قىرغىقى، قولتۇق، پرىستانى قاتارلىق لەيلىمە قالدۇقلار ئاسان توپلىشىدىغان جايلارنى مەركەزلىك تازىلاپ، بۇ يىللىق سۇ ئامبىرى رايونىدىكى لەيلىمە قالدۇقلارنى تازىلاش جېڭىنى باشلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ