تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر لى جۈنجيې فوتوسى، خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، سەھەردىكى تۇنجى تاڭ شەپىقىنى كۈتۈۋېلىش بىلەن تەڭ، چىلان رەڭلىك HXD1D0350 قېتىملىق ئېلېكتروۋوزنىڭ سۆرىشى بىلەن، 12 گۇرۇپپا ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش پويىزى كورلا ۋوگزالىدىن ئاستا-ئاستا قوزغىلىپ يېڭىدىن قۇرۇلغان گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىگە كىرىپ، 708 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۆمۈريول لىنىيەسىدە سىناق تەرىقىسىدە «يۈگۈرۈش»نى باشلىدى. بۇ، گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە ھەرىكەتچان تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 11-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە، گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىنى ھەرىكەتچان تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملانغان بولۇپ، بۇ، گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى قۇرۇلۇشىدا يەنە بىر قېتىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، قاتناش باشلاشقا بارغانسېرى يېقىنلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ھەرىكەتچان تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش يېڭىدىن ياسالغان تۆمۈريولدا قاتناش باشلىنىشتىن بۇرۇنقى مۇھىم بىر ھالقا بولۇپ، پۈتكۈل سىستېمىنى دەلىللەش تىپىدىكى ئۇنىۋېرسال سىناق قىلىش، تەڭشەش ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭدا قۇرۇلۇشنىڭ بىخەتەر ئايلىنىش ھالىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، رېلىس، خەۋەرلىشىش، سىگنال، تېگىشىش تورى ۋە كۆۋرۈك قاتارلىق تارماق سىستېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىنى ھەرىكەتچان تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى دېيىلىدۇ) تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھىنىڭ 14 تارمىقى، ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى كورلا قۇرۇلۇش قوماندانلىق ئىشتابى ھەمدە گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىنى لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار بۇ قېتىمقى ھەرىكەتچان تەكشۈرۈشكە قاتناشتى.
ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش پويىزى گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدىكى لىنىيەدە قاتنىدى.
گولمۇد-كورلا تۆمۈر يولى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تۆمۈريول قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1215 كىلومېتىر كېلىدۇ، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ گولمۇد شەھىرىدىن باشلىنىپ، شىنجاڭغا كىرىپ، مىرەن، چاقىلىق، لوپنۇر ئارقىلىق كورلىغا بارىدۇ، بۇ شىنجاڭدىكى لەنجوۋ-شىنجاڭ تۆمۈريولى ۋە ئەرجىنادىن قومۇلغىچە بولغان تۆمۈريولدىن كېيىنكى شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئۈچىنچى تۆمۈريول ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ چىڭخەي بۆلىكىدە قاتناش باشلاندى، شىنجاڭ بۆلىكىدە 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلاش پىلانلاندى، شۇ چاغدا، شىنجاڭدا لەنجوۋ-شىنجاڭ تۆمۈريولى ۋە لەنجوۋ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسى ئاساسىي يول، دۆربىلجىن-قازاقىستان تۆمۈريولى شىمالىي يول، گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى جەنۇبىي يول قىلىنغان «بىر ئاساس، ئىككى قوشۇمچە» قاتناش ئەندىزىسى شەكىللىنىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى بىلەن چىڭخەي، شىزاڭ، غەربىي جەنۇب رايونلىرىنىڭ رايون ئالاقە يولىمۇ ئېچىلىدۇ، بۇ، غەربىي رايون ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.