تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بۇرچىن ناھىيەسىدىكى تۆت «ۋاڭخۇڭ كۆۋرۈك» مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى

  ئانار بۇلۇت، بۇرچىن ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ شۇچى): بۇرچىن ناھىيەسى چىسەيخې ئىستىراھەت ساياھەت ئارامگاھىدىكى قىسمەن كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاققۇ كۆۋرۈكى، قاناس مۇنار كۆۋرۈكى، تويىڭ كۆۋرۈكى، دوستلۇق چوققىسى كۆۋرۈكى قاتارلىقلار يول يۈرۈش شارائىتىغا ئىگە بولۇپ، يىراقتىكى كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، قارلىق تاغ بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ، بىر پارچە گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلدى. نۇرغۇن ئاھالە دەريا يولىنى بويلاپ سەيلە قىلغاچ گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ، چىسەيخې ئالدىدا سۈرەتكە چۈشتى.

  چىسەيخېغا جايلاشقان تۆت كۆۋرۈك قاتناش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش شارائىتىنى ياخشىلاپلا قالماستىن، بەلكى بۇرچىن ناھىيەسىدە قەد كۆتۈرگەن يېڭى «يەر بەلگىسى» بولۇپ قالدى، بۇ ئاھالىلەر تەرىپىدىن بۇرچىن «ۋاڭخۇڭ كۆۋرۈك» دەپ ئاتالدى.

  «گەرچە ھازىر كۆۋرۈك تېخى تولۇق پۈتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بىزنىڭ سەپەرگە چىقىشىمىز تېخىمۇ قولايلاشتى، ھەر بىر كۆۋرۈك ناھايىتى چىرايلىق، بىز يان تېلېفون بىلەن خالىغانچە بىر سۈرەتكە تارتىپ تورغا چىقارساقلا، نۇرغۇن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتالايدۇ.» دېدى ئاھالە دوسبول باقىتبەك.

  بۇرچىن ناھىيەسى چىسەيخې ئىستىراھەت ساياھەت ئارامگاھى قۇرۇلۇشى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت تارقىتىش، مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش، رايوننىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبى ۋە خاسلىقىنى نامايان قىلىش، ساياھەتچىلەر سانىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ ساياھەتچىلەر مىقدارىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئامما «چۆچەك مەدەنىيىتى» دىن بەھرىمەن بولىدىغان، ھېس قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاسىتە ۋە مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنى تارقىتىدىغان ئۈنۈملۈك سۇپىغا ئايلىنىدۇ. تۈرنىڭ پۈتۈشى شەھەرنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئاشۇرۇپ، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، بۇرچىن ناھىيەسىنى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر ياخشى كۆرىدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيەت ساياھىتىنى ھېس قىلىش مەنزىلگاھىغا ئايلاندۇرۇپ، كىشىلەرنى ساياھەت جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ