تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى

ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى

بۇ يىل كوپىراتىپ ئەزالىرىغا تەقسىملىنىدىغان پايدىنىڭ 5 مىليون يۈەندىن ئېشىشىدا ئۈمىد بار

ماناس ناھىيەسى باۋجياديەن بازىرى دۇڭمەيدى كەنتىگە تېرىلغان كېۋەزدىن مول ھوسۇل ئېلىندى (9-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).

بەي بىڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گەي يوۋجۈن، سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ چيەن): 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، ماناس ناھىيەسى باۋجياديەن بازىرى دۇڭمەيدى كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە، تۆت تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسىنى يىغىۋېلىش ماشىنىسى مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. قاتار-قاتار كونا تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىلىرى ماشىنا ئارقىلىق يۆگىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى تەرىپىدىن تېز سۈرئەتتە باغلىنىپ، ئاندىن كەنتتىكى تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى پىششىقلاش زاۋۇتىغا مەركەزلىك توشۇلۇپ، باشقا سولياۋ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلايدىغان خام ماتېرىيالغا ئايلاندى.

بۇ تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى پىششىقلاش زاۋۇتى، دۇڭمەيدى كەنتى پاي ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرغان كارخانا. كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، دۇڭمەيدى كەنتى بىرنەچچە قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ پىششىقلاش زاۋۇتىنى قۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىلىق كوللېكتىپ ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى قارار قىلغان. بۇ تۈرنىڭ بۇ يىللىق پايدىسىنىڭ 4 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

كەنت كوللىكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانىدا، دۇڭمەيدى كەنتى ئىلگىرىكى نوقۇل كەنت كوللېكتىپىغا تايىنىپ زاپاس يەرنى ھۆددىگە بېرىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش پىكىر يولىنى ئۆزگەرتىپ، تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭى بۆسۈش ئىزدىدى.

ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا، دۇڭمەيدى كەنتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كوللېكتىپ يەر بىلەن شەخسلەر ھۆددىگە ئالغان يەردىن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تارقاق تىجارەت قىلىۋاتقان يەرلەرگە قارىتا پارچىنى پۈتۈنلەپ، 827 مو تۇتاش كەتكەن سالا ئېتىزنى رەتلەپ چىقتى. بۇ يىل ئەتىيازدا، 827 مو كېلىدىغان بۇ يەرنىڭ ھەممىسىگە كەنت پاي ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى كېۋەز تېرىدى.

«بۇ 800 نەچچە مو كېلىدىغان كېۋەزنىڭ ھەر مو يېرىدىن ئوتتۇرىچە 400 نەچچە كىلوگىرام ھوسۇل ئېلىندى، ساپ پايدا جەمئىي 800 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى، ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى!» دېدى دۇڭمەيدى كەنتى پاي ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى چېن شىنفېڭ.

ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەرنى بىرتۇتاش ئوبوروت قىلىش، سورت ئۆستۈرۈش، ماشىنا بىلەن مەشغۇلات قىلىش، يېزا ئىگىلىك ئەشيالىرى مۇلازىمىتى، تېخنىكا ئۆلچىمى، پايدا تەقسىملەشتىن ئىبارەت «ئالتە بىرتۇتاش» باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسېپلىق ئوغۇتلاش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش، سۇ-ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلىشىش قاتارلىق تېرىقچىلىق پەرۋىش يېڭى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى.

«بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق پەرۋىش قىلغاندا كۆپ ئاسان بولىدىكەن، پاختىنىڭ سۈپىتى ۋە مەھسۇلات مىقدارىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، يەنە 80 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ئەشيالىرى ۋە تىجارەت تەننەرخىنى تېجەپ قالدۇق، كوللېكتىپ ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى نەپكە ئېرىشتى» دېدى چېن شىنفېڭ.

كوللېكتىپ مۈلۈك جانلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، تىجارەت ئۈنۈمى ئۆستى، ئاخىرىدا نەپكە ئېرىشكىنى كەنت ئاھالىلىرى بولدى. 2019-يىلى، پۈتۈن كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 7 مىليون 929 مىڭ 200 يۈەن بولدى. بۇ يىل ئومۇمىي كىرىم تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئېشىشى مۇمكىن، ئەزالارنىڭ پايدا تەقسىملەش ئومۇمىي سوممىسى 5 مىليون يۈەندىن ئېشىشىدا ئۈمىد زور.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ