قاراماي دۇنيا موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونىدىكى «يارداڭ قەلئەسى» ھاجەتخانىسى (11-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان، گو شۆمېي فوتوسى)
ئانار بۇلۇت (ئاپتورى: گو شۆمېي): دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، سىچۇەن دېياڭدىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ لىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭ قاراماي دۇنيا موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونىغا كېلىپ سەيلە قىلدى، مەنزىرە رايونىدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىغا كىرىپلا ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدى. پاكىز، ئازادە، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، ھاۋانى يەنە سۇس خۇش پۇراق قاپلىغانىدى... قارىماققا «يارداڭ قەلئەسى»گە ئوخشايدىغان بۇ ساياھەت ھاجەتخانىسىنىڭ ئىچكى ئەسلىھەلىرى ئىنتايىن زامانىۋى ئىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە رايونى قۇرۇشقا كۈچ چىقارغان قاراماي شەھىرى «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نى پۇرسەت بىلىپ، مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىسى ھەم مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان يول قاتارلىق جايلاردا 150كە يېقىن ساياھەت ھاجەتخانىسىنى يېڭىدىن سالدى ھەم ئۆزگەرتتى، يەنە 106 ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ھاجەتخانا سېتىۋېلىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش قىيىن بولغان قىسمەن مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىغا ئورۇنلاشتۇردى.
ئۆزگەرتىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ساياھەت ھاجەتخانىلىرى پاكىز، ئازادە بولۇپلا قالماي، يەنە توسالغۇسىز تازىلىق ئۆيى، ئانا-بالىلار ئۆيى، ئىچىملىك سۇ ماشىنىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەر سەپلەنگەن. بولۇپمۇ مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەت ھاجەتخانىلىرىنىڭ سىرتقى شەكلى ئۆزگىچە بولۇپ، مەنزىرە رايونى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپلا قالماي، ئىچكى ئەسلىھەلىرىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇپ، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرگە ناھايىتى ياخشى تەسىرات قالدۇردى.
دۇنيا موگۇيچېڭ ئاممىۋى ھاجەتخانىسى بۇلارنىڭ بىرى. بۇ مەنزىرە رايونى ئىچىدە يەتتە ساياھەت ھاجەتخانىسى بار بولۇپ، كۆپ قىسمىنىڭ سىرتقى شەكلى «يارداڭ قەلئەسى»گە ئوخشايدۇ، مەنزىرە رايونى بىلەن پۈتۈنلەي بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن. ئارىسىدا نېفىت شەھىرىنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، يەنە نېفىتلىك مەشغۇلات رايونىدىكى كونتېينېرلارنىڭ سىرتقى شەكلىگە تەقلىد قىلىنىپ، مەنزىرە رايونىغا بىر مەنزىرە قوشۇلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، قاراماي شەھىرىدىكى كۆپ قىسىم ئاممىۋى ھاجەتخانىلار «گاۋدې خەرىتىسى»، «بەيدۇ خەرىتىسى»گە كىرگۈزۈلدى، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر يان تېلېفونى ئارقىلىق مۇناسىپ خەرىتە APPسىنى ئاچسىلا، دەرھال ئۆزىگە ئەڭ يېقىن بولغان ئاممىۋى ھاجەتخانىنى تاپالايدۇ.