ئانار بۇلۇت: 2020-يىلى، لوپنۇر ناھىيەسىدە 20 مىڭ موغا يېقىن كۈزگى بۇغداي تېرىلدى، بۇ، بۇ ناھىيەنىڭ تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەمدە كۈزگى بۇغداي تېرىشنى سىناق قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. كۈزگى بۇغداينىڭ قىشتىن ئۆتۈش مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، لوپنۇر ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە مۇلازىمەت خادىملىرى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى كۈزگى بۇغداينىڭ قىشتىن ئۆتۈش ئەھۋالىنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈردى.
11-ئاينىڭ 17-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ تېخنىكلىرى شىڭپىڭ بازىرى تۇڭچىكە كەنتىگە كېلىپ، كۈزگى بۇغداي تۈپىنىڭ ئېگىزلىكى، زىچلىقى، شاخلاش سانى، مايسا ئەھۋالى، تۇپراقنىڭ نەملىك ئەھۋالى قاتارلىقلارنى چوڭ ئېتىزلاردا تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلدى ھەم نۆۋەتتىكى كۈزگى بۇغداي مايسىلىرىنىڭ ئەھۋالى، تۇپراقنىڭ نەملىك ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى ھاۋارايى يۈزلىنىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، مۇۋاپىق ئوغۇتلاپ، مايسىلارنى تولۇق تولۇقلاپ، مايسىلارنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. نۆۋەتتىكى ھاۋارايى ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ تېخنىكلىرى دېھقانلار ۋە تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىغا 11-ئاينىڭ باش ئوتتۇرىلىرى مۇۋاپىق پەيتتە كۈزگى بۇغداينى قىشلىق سۇغىرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش تەكلىپىنى بەردى.
لوپنۇر ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خەييىڭ مۇنداق دېدى: «مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى كۈزگى بۇغداينىڭ قىشتىن ئۆتۈش ئەھۋالىغا قارىتا مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كىلىمات مۆلچەرى ۋە ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تەكلىپ بەردى.»
تۇڭچىكە كەنت ئاھالىسى غالىپ قادىر مۇنداق دېدى: «بۇ يىل 180 نەچچە مو يەرگە كۈزگى بۇغداي تېرىدىم، مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ تېخنىكلىرى ماڭا ناھايىتى ياخشى تەكلىپ بەردى ھەمدە كۈزگى بۇغداينىڭ قىشتىن ئۆتۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، ھازىر مەن ئەنسىرمەيمەن.»
(لوپنۇر ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن ئەكرەم)