تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

شىنجاڭ كەلپىن ناھىيەسى: خاس چامغۇر دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى «ئالتۇن مېۋە»گە ئايلاندى

كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئاچال بازىرى تۇرا كەنتى چامغۇردىن مول ھوسۇل ئالدى، كەنت ئاھالىلىرى قاچىلاپ، سېتىش بىلەن ئالدىراش بولدى. غەيرەت جاسارەت فوتوسى

«بۇلتۇر 15 مو يەردىكى چامغۇردىن 15 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم، بۇ يىلمۇ مول ھوسۇللۇق يىل بولدى، مۆلچەرىمچە 25 مىڭ يۈەنلىك سېتىشىم مۇمكىن». ئالىم سادىر شىنجاڭ كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئاچال بازىرى تۇرا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، ئۇ مۇخبىرغا، ناھىيەنىڭ چامغۇر ماركىسىنىڭ بارغانسېرى جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، چامغۇر نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى «ئالتۇن مېۋە»گە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

چامغۇر جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل يىلتىزلىق غول تۈرىدىكى زىرائەت بولۇپ، قوي گۆشى، چەپىتى نان بىلەن بىللە «كەلپىن ئۈچ گۆھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. كەلپىن ناھىيەسىنىڭ قۇياش نۇرى يېتەرلىك، تۇپرىقى ئىشقارلىق بولۇپ، چامغۇرنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كېلىدۇ. ھالبۇكى، ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يىرىك تېرىقچىلىق ئەندىزىسىدە بولغاچقا، سېتىش يولىمۇ پەقەت شۇ جاي ۋە ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەر بىلەنلا چەكلىنەتتى، چامغۇرنىڭ بازار باھاسى تۆۋەنرەك ئىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەلپىن ناھىيەسى چامغۇرنى ساپلاشتۇرۇپ يېڭىلاش تۈرى ئارقىلىق، تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، مەھسۇلات مىقدارى تېخىمۇ يۇقىرى چامغۇر سورتىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى ھەم چامغۇرنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چامغۇرنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتىنى 1.5 توننىدىن 2 توننىغىچە يەتكۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، تېرىش قىزغىنلىقىنى كۈنسېرى ئاشۇردى.

ئاچال بازىرى كەلپىن ناھىيەسىدىكى ئاساسلىق چامغۇر تېرىقچىلىقى رايونلىرىنىڭ بىرى، كەلپىن ناھىيەسى ئاچال بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاھاپ ئابدۇرېھىم تونۇشتۇرۇپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاچال بازىرىنىڭ چامغۇر تېرىقچىلىق كۆلىمىنىڭ كۆپىيىپ 30 مىڭ موغا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى. «ئىلگىرى دېھقانلارنىڭ ھەر مو يەردىن ئالىدىغان پايدىسى تەخمىنەن 2000 يۈەن ئىدى، بۇ يىلدىن بۇيان، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ ھەر مو يەردىن ئالىدىغان كىرىمىنى 3000 يۈەندىن 3500 يۈەنگىچە ئۆستۈرۈشكە ئىشەنچىمىز بار».

چامغۇرنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇلتۇردىن باشلاپ، كەلپىن ناھىيەسى چامغۇرنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، چامغۇرنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چامغۇرنىڭ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، شۇ جاي ئېلېكتىرونلۇق سودا، بىۋاسىتە تارقىتىش قاتارلىق سېتىش ئەندىزىسى ئارقىلىق، دېھقانلارنى چامغۇرنى سېتىشتىن غەم قىلمايدىغان قىلدى، باھاسى يۇقىرى بولدى.

كەلپىن ناھىيەلىك تەمىنات-سودا يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يى شىڭبىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇلتۇر، كارخانا 800 توننا چامغۇر سېتىۋالغان، بۇ يىل 1000 توننىغا يېتىدىكەن، سېتىلغان مەھسۇلاتلار ھۆل مېۋىدىن سىرت، يەنە قۇرۇتۇلغان چامغۇر پارچىسى ۋە چامغۇر تالقىنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. «نۆۋەتتە، بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىز ئىچكىرى رايونلاردىكى بازارلارغا كىردى، كەلگۈسىدە، بىز يەنە يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئارقىلىق، سېتىش پەسلىنى ئۇزارتىپ، چامغۇرنىڭ بازاردىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرىمىز».

مەنبە: ئىقتىساد گېزىتى ئاخبارات تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ