تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئەمەلىيىتى بىر قەدەم ئالغا سىلجىتىلسا، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قەدەم ئىلگىرىلىشى كېرەك.

يېقىندا، مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىدى، يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق بايان قىلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرىسى چوڭ ۋە كەڭ، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئۇنىڭدا چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، روشەن سىياسىي يۆنىلىش، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق، سەمىمىي خەلقچىل ھېسسىيات نامايان قىلىنغان بولۇپ، يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

پارتىيەمىز ئەزەلدىن قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۇنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى. پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەخسۇس تەتقىق قىلىنىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارار چىقىرىلدى. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا قارىتا يەنە بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىغا، تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولدى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئومۇمىي ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى؛ دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقىغا پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى نەزەرىيە نەتىجىلىرى ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ مۇقىم، ئەڭ ئىشەنچلىك كاپالىتى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولى سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ بىردىنبىر توغرا يولى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىدە، بىز ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىمىز، ئىرادىنى ساقلىشىمىز كېرەك.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، بايانى چوڭقۇر، لوگىكىسى پۇختا، سىستېمىسى مۇكەممەل بولۇپ، ئۇنىڭدا تارىخنى رېئاللىق بىلەن تۇتاشتۇرۇش، خەلقئارانى دۆلەت ئىچى بىلەن باغلاش، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈش جەھەتتىن يېڭى دەۋردە نېمە ئۈچۈن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولغا قويۇلىدۇ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قانداق يولغا قويۇش كېرەك قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلدى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن مۇھىم، زور نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى، ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي روھىنى تولۇق چۈشىنىپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، خىزمەت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، تاشقى مۇھىتتا تېخىمۇ كۆپ مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۆرۈلمەكتە. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ، بۇ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش باسقۇچى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش باش نىشانىنى چۆرىدەپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، قانۇنچىللىق يولىدا دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

قانۇنچىللىق گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، قانۇنچىللىق كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ سىياسىي يۆنىلىشى، مۇھىم ئورنى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، مۇھىم، زور مۇناسىۋىتى، مۇھىم كاپالىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىقنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىدىكى ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ياراتساقلا، بىز چوقۇم ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ