شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايون تېببىي داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشى تۈرىدە كوناشەھەر ناھىيەسىدە ئىش باشلاندى.
جەنۇبىي شىنجاڭ رايون تېببىي داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 600 مو، پىلانلانغان قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 160 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانا رايونى، ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا رايونى، ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر تۇرمۇش رايونىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ فۇنكسىيەلىك رايون تەسىس قىلىنغان، جەمئىي كارىۋات سانى 1300. تۈرنى ھۆددىگە ئالغۇچى تەرەپ قەشقەر گۇاڭجيەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ساۋ ۋېيدۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تۈر ئۈچ قارارغا بۆلۈنگەن، بىرىنچى قارارلىقى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانا رايونى، قۇرۇلۇش كۆلىمى 20 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بىر يىل ۋاقىتتا تاماملاش پىلانلانغان.
ئۇزاقتىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى سەۋىيەسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس ئىدى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايون تېببىي داۋالاش مەركىزى قۇرۇش جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، دىياگنوز قويۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، داۋالاش - سەھىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىلزات زادە مۇنداق بىلدۈردى: بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، «داۋالاش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئالدىنى ئېلىش، ساغلاملىق، باشقۇرۇش» بىر گەۋدە قىلىنغان يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دىياگنوز قويۇش - داۋالاش مەركىزىگە ئايلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست رايونىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەرنى داۋالاش تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا داۋالىنىشىغا، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى ۋە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىدۇ.