تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي قانۇن ساھەسىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىپ مۇنداق بىلدۈردى −

يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتىمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

11 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە، مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي قانۇن ساھەسىدىكىلەر ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرىسى چوڭ ۋە كەڭ، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق ئىدىيەسى سىستېمىلىق شەرھلەنگەن، ئۇ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، قانۇنچىللىق يولىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

«پارتىيە رەھبەرلىكى سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ ئەڭ تۈپ كاپالىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ روھى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، پارتىيە رەھبەرلىكىنى قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى قانۇنچىللىق باشقارمىسى(ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى)نىڭ باشقارما باشلىقى ئەسقەر ھىمىت مۇنداق بىلدۈردى: سىياسىي قانۇن كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، ھەقىقىي تۈردە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىمەن».

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ئىگە.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ چيەنشۈ مۇنداق دېدى: «بىز شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، ئۇزاق كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز».

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قانۇنچىلىق باش ئەترىتىنىڭ باش ئەترەت باشلىقى سەي خۇڭجيەن مۇنداق بىلدۈردى: «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىل جامائەت خەۋپسىزلىكى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مېخانىزمى ۋە نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش سىستېمىسىنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، قانۇن ئىجرا قىلىش شەكلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئۆستۈرىمىز».

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن - سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى (خەلقئارا ھەمكارلىق باشقارمىسى)نىڭ مۇدىرى، 3 - دەرىجىلىك ئالىي تەپتىش ئەمەلدارى ۋاڭ چيۇلى مۇنداق دېدى: يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، بىز شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ تەپتىش خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىش تەلىپىنى «تۆت چوڭ تەپتىش» «ئون چوڭ كەسىپ»نىڭ پۈتكۈل جەريانىدىكى ھەرقايسى ھالقىلاردا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر ئەدلىيە دېلوسىدا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 1 - كوللېگىيەسىنىڭ كوللېگىيە باشلىقى رەيھانگۈل ئاسىم مۇنداق دېدى: «ھەق تەلەپ ئىشلىرىنى سوت قىلىدىغان سوتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، قانۇن بويىچە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، فۇنكسىيە دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، دېلو بېجىرىشنىڭ سىياسىي ئۈنۈمى، قانۇن ئۈنۈمى، جەمئىيەت ئۈنۈمىنىڭ بىرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمەن».

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار ياڭ شۇخەن، لياڭ لىخۇا )

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى