تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئائىلە ئايالىدىن مال تونۇشتۇرۇش دىكتورىغا ئايلاندى

ئاينۇر قاماش:

ئائىلە ئايالىدىن مال تونۇشتۇرۇش دىكتورىغا ئايلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ تىڭ

«دوستلار، كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر! مەن ئاينۇر، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيۈمگە كىرگىنىڭلارنى قارشى ئالىمەن، كۆپچىلىكنىڭ دىققەت قىلغانلىقى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت.» ئاينۇر قاماش يان تېلېفونىنى جازىغا تىكلەپ قويدى، ئارقىدىكىسى جانلىق يېزا مەنزىرىسى ئىدى؛ ئېكراننىڭ ئۇ تەرىپىدىكىسى قىزغىن تورداشلار ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ساھەسى ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى بارلىققا كەلتۈردى، بارغانسېرى كۆپلىگەن ياشلارنىڭ يۇرتىدا يېڭى خىزمىتى بار بولدى.

«80 - يىللاردا تۇغۇلغان» ئاينۇر بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكئاغاش يېزىسى ئاقئۆتكەل كەنتىدىكى خېلى نامى بار تور دىكتورى.

ھالبۇكى 2014 - يىلى، ئاينۇر تېخى كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى. ئەينى چاغدا، ئۇنىڭ توي قىلغىنىغا ئەمدىلا بىرنەچچە يىل بولغان، ئۆيىدە تەلمۈرۈپ تۇرغان ئىككى كىچىك بالىسى بار بولۇپ، ئەر - خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى ئاز، ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىيالى كەمچىل، بىرەر ھۈنىرىمۇ يوق بولغاچقا، پەقەت پارچە - پۇرات ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. كىچىك بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلار ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىدىن قەرز ئېلىپ كەنتتە كىچىك دۇكان ئاچقانىدى، دەسلەپتە تىجارىتى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، بىر ئايدا ئاران 500 - 600 يۈەن تاپالايتتى. ئاينۇر كۆڭلىدە ئىزچىل مۇقىم خىزمىتى، مۇقىم كىرىمى بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى.

2019 - يىلى 1 - ئايدا، ئاينۇرنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ھەمدە ئۇنىڭ دۇكان ئېچىش تەجرىبىسى بارلىقىنى ئويلىشىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تاللا بازىرىنى ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بەردى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان پۈتۈن ناھىيە ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئاقئۆتكەل كەنتىگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، تاللا بازىرىنىڭ سودىسىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى. ئاينۇر شۇ يەرنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە خاس مەھسۇلاتلىرى بايلىقىغا تايىنىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نوقۇل ئەمەلىي دۇكان بولۇشتىن دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ «تور سىرتى + تور» قوش يۆنىلىشلىك سېتىش ئەندىزىسىگە ئايلاندۇردى.

«كەنت <ئىككى كومىتېت>ى ۋە <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، بىز بۇلتۇر قىشتا يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىشنى باشلىغانىدۇق. دەسلەپتە مەن قىلالمىدىم، باشقىلاردىن سوراشتىنمۇ خىجىل بولغانىدىم. كېيىن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىزگە ئۆگەتتى، بىزمۇ باشقىلارنىڭ قانداق بىۋاسىتە كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئۆگەندۇق. ھازىر، ئائىلىمىزدە مەنلا ئېكرانغا چىقىپ دىكتور بولۇپلا قالماي، ئېرىم ۋە ئوغلۇممۇ ئېكرانغا چىقىپ بىرلىكتە يەرلىك خاس مەھسۇلاتلارنى ساتىمىز.» ئاينۇرنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8دە، ئېرى ئوراپ قاچىلاشقا ياردەملىشىدىكەن، چۈشتىن كېيىن سائەت 6دە تېز يەتكۈزۈش خادىمى كېلىپ ئېلىپ كېتىدىكەن، كەچ سائەت 8 ئەتراپىدا ئۇ 2 - كۈنىدىكى ماللارنى تەييارلاشنى باشلايدىكەن. كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ، ئۇلار بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشنى باشلايدىكەن.

ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش بازىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، 2017 - يىلىدىن بۇيان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىغا ئائىت سىياسەت نەزەرىيەسى، تىجارەت مەشغۇلاتى، تېخنىكا ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەربىيەلەشلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىدىكىلەرنىڭ 14 ئىش ئورنىدا ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، 73 ئىش ئورنىدا قىسقا مۇددەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولدى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق سېتىلىشىغا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە «فۇيۈەن بۇرۇلتوقاي» ناھىيە رايونى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەھەرگە كىرگۈزۈش، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش بويىچە قوش يۆنىلىشلىك ئوبوروت، ئۇلۇڭگۇر كۆلى تاۋباۋ بايرىمى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. «ھازىر بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، سېتىلىش مىقدارىمۇ بارغانسېرى ئاشماقتا.» ئاينۇر مۇنداق دېدى: ھازىر بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئايدا ئالىدىغان پايدىمىز 8000 يۈەندىن ئاشىدۇ.

«قانداق قىلغاندا توردا كەسىپنى كېڭەيتكىلى بولىدىغانلىقى، مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشىنى كېڭەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئوقۇتقۇچى بىر - بىرلەپ چۈشەندۈردى. بىزمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، يېڭى تېخنىكىلارنى ئىگىلەپ، ئالاقە تورى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ ياردىمىدە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىمىزنى ئېتىز بېشىدىن مىڭلىغان ئائىلىلەرگە يۈزلەندۈرۈشىمىز كېرەك» دېدى ئاينۇر. ھازىر، ئۇ دوستلار چەمبىرىكى، دوۋيىن قىسقا سىنى ھەمدە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قۇرۇتۇلغان گۆش، پىشلاق قاتارلىق خاس مەززىلىك يېمەكلىكلەرنى تونۇشتۇرۇپ سېتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزى ياسىغان مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنىڭ يېزا - كەنتتىن چىقىرىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

«ھازىر كەنتنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى ياشلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىكى يېڭى يولغا ئايلاندى.» ئالتاي ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمەت كومىتېتىدىن ئاقئۆتكەل كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى ليۇ مىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تۈردە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ۋە سۈپەتلىك ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىشتىكى ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولىمىز ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ دېھقان - چارۋىچىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تۈرى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ